تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

چېن چۈەنگو چاغاننىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى

چېن چۈەنگو چاغاننىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە بىڭتۇەندىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە چاغانلىق بەخت تىلىدى

1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، بايرام مەزگىلىدە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە بىڭتۇەندىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە چاغانلىق ئەڭ گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

(شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن چۈەنگو 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، بايرام مەزگىلىدە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە بىڭتۇەندىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە چاغانلىق ئەڭ گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

ئۈرۈمچى پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ، بايرام كەيپىياتىغا تولدى، ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلار ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى، قىپقىزىل پانۇسلار چوڭ - كىچىك كوچىلارنى چىرايلىق تۈسكە كىرگۈزگەنىدى.

چېن چۈەنگو ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە (گۇرۇھ)چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، بايرام مەزگىلىدە پار بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كاتتا چاغان ھەممە ئائىلىلەر جەم بولىدىغان ۋاقىت، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە شىركىتىدىكى كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىش ئورنۇڭلاردا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇپ، ئىللىقلىقنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزدۈڭلار، سىلەر جاپا چەكتىڭلار، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن سىلەرنىڭ ۋە ئائىلەڭلەردىكىلەرنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلەيمەن. چېن چۈەنگو مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئۈسكۈنە ۋە تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئاسراش، تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىللىق، ئىناق بايرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

تىيانشان رايونى يەنئەن يولى تەۋەلىك رايونى فۇچۈەن كوچىسى مەھەللىسىدە، چېن چۈەنگو مەھەللە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن ھال سوراپ، كۆپچىلىككە بايراملىق سالام يوللىدى. چېن چۈەنگو مەھەللىنىڭ باشقۇرۇش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. مەھەللىنىڭ «ئالتە يېرىمدىكى دەرسخانىسى»دا، قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن ھەر مىللەت كىچىك دوستلار مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە رەسىم سىزىۋاتاتتى، قەغەز قاتلاۋاتاتتى. چېن چۈەنگو بالىلار بىلەن سەمىمىي سالاملىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى سورىدى، يەنە بالىلارغا ئوقۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق چاغانلىق سوۋغاتلارنى سوۋغا قىلدى. كىچىك دوستلارمۇ خۇشال ھالدا ئۆزلىرىنىڭ قاتلىغان قەغەزلىرى، بالىلار رەسىملىرىنى چېن بوۋىسىغا چاغانلىق سوۋغىسى سۈپىتىدە سوۋغا قىلدى. چېن چۈەنگو ھەر مىللەت كىچىك دوستلارنىڭ خۇشال - خۇرام، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئۇ مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە پارتىيەنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاممىنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، دەۋر ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقنى تاپىلىدى.

«چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، پۈتۈن ئائىلەڭلەردىكىلەرنىڭ چاغىنىغا خۇشاللىق، ئائىلەڭلەرگە بەخت تىلەيمەن!» چېن چۈەنگو ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خېڭچاڭ مەھەللىسى ئاھالىسى فاڭ خۇا ۋە نىجات يۇنۇسنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مۇبارەكلىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن چۆرىدىشىپ بىللە ئولتۇرۇپ سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە كىرىمى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. فاڭ خۇا ۋە نىجات يۇنۇس چېن چۈەنگوغا مۇنداق دېدى: ھازىر جەمئىيەت ئامانلىقى بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، شەھەر قۇرۇلۇشى بارغانسېرى گۈزەللىشىۋاتىدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر بارغانسېرى ئىتتىپاقلىشىۋاتىدۇ، تۇرمۇشىمىزمۇ بارغانسېرى بەختلىك بولۇۋاتىدۇ. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى ھەر ۋاقىت ئەسلەپ تۇرىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، غەمخورلۇق قىلدى. بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

چېن چۈەنگو يەنە تىيانشان رايونى دەۋر مەيدانى مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ يەر ئاستى بىرىنچى قەۋىتىگە جايلاشقان تاللا بازىرىغا كېلىپ، بايرام مەزگىلىدىكى بازارنىڭ تەمىنلەش ۋە كاپالەت ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. تاللا بازىرىدىكى گۆش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، قەنت - گېزەك، قۇرۇق مېۋە، كۆكتات، مېۋە - چېۋە، چۇنليەن - فۇزى قاتارلىق چاغانلىق ماللار كۆزنى قاماشتۇراتتى، تۈرى كۆپ ئىدى. چېن چۈەنگو تاۋارلارنى زاپاس ساقلاش، سېتىش ۋە باھا قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، بازار ئېھتىياجىنى ياخشى قاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ھەر مىللەت ئاممىنى خاتىرجەم سېتىۋېلىش، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش، چاغاننى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈش، بايرامنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار ھال سوراشتا بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.