تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

توكداننى ئەڭ ياخشىسى تىك ھالەتتە ئىشلەتكەن ياخشى

  توكدان(چۇڭديەنباۋ) توك ساقلاش، بېسىم ئاشۇرۇش، توك قاچىلاشنى باشقۇرۇش بىر گەۋدە قىلىنغان، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئۈسكۈنە بولۇپ، خىمىيەلىك باتارىيە ئاساسىي دېتال قىلىنغان. ئەگەر ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسا ياكى مەھسۇلاتنى قوغداش مېخانىزمىنى لايىھىلەش مۇۋاپىق بولمىسا، پارتلاش، ئوت ئاپىتى قاتارلىق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ ئەتراپىمىزدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋىپى.

  توكداننى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

  1. ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تېلېفوننىڭ چۈشەندۈرۈشى بىلەن توكداننىڭ چۈشەندۈرۈشى ۋە توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسىنى ياخشى چۈشىنىپ، كىرگەن بېسىم، چىققان بېسىم ۋە توك ئېقىمىنىڭ بىردەكلىكىنى سېلىشتۇرۇپ، يان تېلېفونغا زىيادە، ئارتۇق توك قاچىلاشتىن ساقلىنىش كېرەك؛

  2. توكداننىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە شەكلىگە دىققەت قىلىپ، ئەگەر شەكىلى ئۆزگىرىپ كەتسە ياكى توك قاچىلاۋاتقاندا تېمپېراتۇرىسى ئادەتتىكىدىن ئۆرلەپ كەتسە، كۆيۈك پۇرىقى چىقسا دەرھال ئىشلىتىشتىن توختىتىش كېرەك.

  3. شامال ئۆتۈشىدىغان، ئىسسىقلىق ياخشى تارقىلىدىغان جايدا توك قاچىلاش، سومكىدا، كىيىمنىڭ يانچۇقىدا، يوتقاندا توك قاچىلىماسلىق، توك قاچىلىغاندا توكداننى تىك تۇتۇش، كۆپ تەرەپتىن ئىسسىقلىق تارقىتىشقا پايدىلىق شارائىت يارىتىش كېرەك.

  4. توكداننىڭ كۆپىنچىسى كۆپ ئۆزەكلىك ئۇلاشتىن ھاسىل بولغان، شۇڭلاشقا ئۇرۇلۇشتىن، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن، سۇ كىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛

  5. توك قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن توك مەنبەسىدىن ۋاقتىدا ئايرىۋېتىش كېرەك؛

  6. ئوت كەتكەندە دەرھال سۇ بار چېلەككە تاشلىۋېتىش كېرەك، سۇغا تاشلىغاندا سۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرىپ، ئوت ئۆچكەندىن سىرت، تېمپېراتۇرىنى دەرھال چۈشۈرۈپ، قايتا ئوت تۇتىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئىستىمالچىلار ئالدى بىلەن مۇنتىزىم زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان لاياقەتلىك توكداننى سېتىۋېلىپ، بىخەتەرلىككە مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى