تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

قار-مۇز تەنھەرىكىتى مەكتەپلەرگە كىردى

پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار قار تېيىلىش مەيدانىدا كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتى شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىدا رەسمىي باشلاندى. بۇ پائالىيەتنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى ھەمكارلاشقان. بۇ «جۇڭگو بانكىسى لوڭقىسى» تۇنجى نۆۋەتلىك ئاممىۋى چاڭغا تېيىلىش مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدىن كېيىن، جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم قار-مۇز تەنھەرىكىتى پائالىيىتىگە قاتنىشىشى. جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى مەسئۇل خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ بانكا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىكەن. جەي يەنفېي فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى