تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ما دىڭ خەۋىرى، فوتوسى) 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى باقتۇ چېگرا ئېغىزىدا تۇيۇقسىز قېلىن قار ياغدى، چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ چارلىغۇچى خەلق ساقچىلىرى ئاپتوموبىللارنىڭ تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان «بەخت» خېتىنى شۇ كۈنى چېگرادىن كىرگەن يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىغا سوۋغا قىلدى، ئۇلارنى قاتناش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتتى، قويۇق چاغانلىق كەيپىيات يارىتىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك دوستلارغا تاموژنىدىن ئۆتۈش جەريانىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.