تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يان تېلېفوننى ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاقتىن يىراق قويۇڭ

  قىشتا ئۆيدە خوگو يېگەندە ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاق زۆرۈر لازىمەتلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، نۇرغۇن كىشىلەر ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاقنى ئىشلەتكەندە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلمايدۇ، يان تېلېفون قاتارلىق ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى خالىغانچە ئۇنىڭ يېنىغا قويۇپ قويىدۇ ھەم بۇنىڭغا غايەت زور خەۋپ–خەتەر يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

  ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاق ماگنىت مەيدانىنىڭ قاينام ئېقىنلىق قىزدۇرۇش پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان، ئۇ توكنىڭ سىزىق چەمبىرەكلەر ئارقىلىق ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلىشى، ماگنىت مەيدانى ئىچىدىكى ماگنىت ئىندۇكسىيە سىزىقى تۆمۈر قازانغا تېگىشكەندە سانسىز كىچىك قايناملارنى ھاسىل قىلىشىدىن قازاننى تېز سۈرەتتە قىزىتىدۇ، ئاندىن قازاندىكى يېمەكلىكنى قىزىتىدۇ.

  يان تېلېفوننى ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاققا قويغاندىن كېيىن، ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاق يان تېلېفوندىكى ماگنىتنى ھېس قىلىدۇ(ئادەتتە ياڭراتقۇ ياكى تۇرۇپكىسى) ھەمدە ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ، يان تېلېفون يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا كۆيۈپ پارتلاپ كېتىدۇ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاق مەيلى ئوچۇق بولسۇن ياكى بولمىسۇن، پەقەت توكقا چېتىقلىق بولسىلا، تېلېفوننى ئۈستىگە قويساق خەتەرلىك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جەڭ
  • دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك
  • 【ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلايلى】 مېۋە-چېۋە ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىش