تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

غۇلجا ناھىيەسى قاراياغاچ يېزىسىدىكى قار-مۇز ساياھەت پائالىيىتى قەھرىتان قىشنى قىزىتتى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز خۇاڭ يەن خەۋىرى، فوتوسى): قارلىق دالىدا ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەكلەرنى تېتىش، قىز قۇۋار، قاردىكى ئات بەيگىسى... 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارغا، جۇشقۇن مۇزىكىغا ئەگىشىپ، «چېگرادىكى بوستانلىق . بەدىئىي سۈرەتتەك ئىلى» غۇلجا ناھىيەسى قاراياغاچ يېزىسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك قار-مۇز ساياھەت پائالىيىتى جىرغىلاڭ كەنتىدىكى بەيگە مەيدانىدا رەسمىي باشلاندى، ئېسىل قار-مۇز ساياھەت پائالىيىتى قاراياغاچ يېزىسىنىڭ قىشلىق ساياھىتىنى قىزىتىۋەتتى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ناخشا-ئۇسسۇل ئويۇنلىرى، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسى، ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە چوڭلارنىڭ چېلىشىش، قىز قۇۋار، ئات ئۈستىدە كۈمۈش تېرىش قاتارلىق ئويۇنلار ۋە ئات بەيگىسى ئارقىمۇ ئارقا ئۆتكۈزۈلدى.

  پائالىيەت نەق مەيدانىدا غۇلجا ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 50 ئات بەيگىسى ماھىرى ئات ئۈستىدىكى قايناق ھېسسىياتنى نامايان قىلدى. قازاقچە ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيگەن قىزلار ئاتلىرىنى قامچىلاپ، چىرايلىق كىيىنگەن ئاتلىق يىگىتلەرنى قوغلىدى. قىز قۇۋار، ئات ئۈستىدە كۈمۈش تېرىش قاتارلىق ئويۇنلار چەۋەندازلارنىڭ كامالەتكە يەتكەن چەۋەندازلىق ماھارىتىنى نامايان قىلىپلا قالماي، شۇ جايدىكى چارۋىچىلارنىڭ جۇشقۇن، قىزغىن روھى قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم يېقىن ئارىلىقتىن ئات بەيگىسى كۆرۈشۈم، بەك ھاياجانلاندىم، ئاتلارنىڭ چېپىشى ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىكەن.» غۇلجا شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ خۇا دوستلىرى بىلەن بىللە ئاپتوموبىل ھەيدەپ بەيگە مەيدانىغا كەلدى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئات بەيگىسى پائالىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدىم، يەنە ئېسىل تائاملارنى تېتىپ كۆردۈم، بىۋاستە كۆرۈش ۋە تەم سەزگۈسى بىرلەشكەن بۇ خىل ھۇزۇرلىنىش بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزنى ئەھمىيەتلىك قىلدى.

  قاراياغاچ يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى ئېردەۋلەت نۇخىتبەك مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى قار-مۇز ساياھەتچىلىكى كۆپ ئادەم قاتناشقان، ھۇزۇرلىنىش، ئۇنىۋېرساللىق، يېڭىلىق يارىتىش بىر گەۋدە قىلىنغان قار-مۇز كاتتا مەرىكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى چوڭقۇر قېزىلىپ، قاراياغاچ يېزىسىنىڭ قار-مۇز بىلەن ئۆرپ-ئادەت بىرلەشكەن ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى نامايان قىلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلار كىرىمىنى ئاشۇردى، يەرلىكنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى