جۇڭگو ئاخبارات تورى شىنجاڭ خەۋەرلىرى، 1- ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى تېلېگراممىسى (مۇخبىر خۇاڭ ۋەنلى خەۋىرى، فوتوسى): 1- ئاينىڭ 20- كۈنى، نەشپۈت شەھىرى قۇياش نۇرى ئاستىدا تېخىمۇ چىرايلىق تۈسكە كىرگەنىدى، شىنجاڭ بىخلان پۇتبول كۇلۇبىدىكى 50 تىن ئارتۇق كىچىك پۇتبولچى بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2020- يىلى چاشقان يىلىدىكى چاغاننى خۇشال كۈتۈۋالدى، مېھىر-شەپقەت كارخانىسى شىنجاڭ بىخلان ئۆي مۈلۈك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى مەزكۇر پۇتبول كۇلۇبىغا 100 مىڭ يۈەن ياردەم بەردى، يەنە كىچىك پۇتبولچىلارغا سومكا، دەپتەر، قەلەم قاتارلىقلارنى ھەدىيە قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ بىخلان پۇتبۇل كۇلۇبىنىڭ ئىككى تارماق كوماندىسى ئۈرۈمچىگە بېرىپ، «شياۋمېڭچاۋ» مەملىكەتلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا چېمپىيون ۋە ئىككىنچى بولغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ كورلا شەھىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپ، پۇتبول تەنھەرىكىتى نەشپۈت شەھىرىدىكى كەڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. شىنجاڭ بىخلان پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە، مەخسۇس 4 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى پۇتبول مائارىپى بويىچە تەربىيەلەپ، باشتىن-ئاخىر ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تەنتەربىيە قىزىقىشى، ھەۋىسى ۋە تەنتەربىيە مەشىقى قىلىدىغان ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.