تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ئەمەلىي بولدى»

− پەيزاۋات ناھىيەسىدە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭ

1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 17گىچە، پەيزاۋات ناھىيەسىدە 6.4 بال يەر تەۋرىگىنىگە ئارىدىن 20 سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئۆتتى. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ جىددىي، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، يارىلانغانلار كۆڭۈل قويۇپ قۇتقۇزۇلدى، داۋالاندى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يەر تەۋرەشنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى ئاستا - ئاستا تارىلىپ، خەتەرلىك بەلباغدا تۇرۇۋاتقان ئاممىنىڭ ھەممىسى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا يۆتكىلىپ، تۇرمۇشى ياخشى كاپالەتكە ئىگە بولدى.

«بىز <نىجات يۇلتۇزى>نىڭ ناھايىتى تېزلا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز»

پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شىكەكۆل بازىرى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش مەركىزىگە جايلاشقان. مۇخبىر بۇ يەردە بازاردىكى بەزى كىشىلەر ئۆزى سالغان دۇكانلارنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى، بىر قىسىم يول يۈزىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى كۆردى، ئاز بولمىغان ئۆيلەرنىڭ تاملىرىدىكى يېرىقلار ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

«كەچ سائەت 9دىن ئاشقاندا، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى كەچلىك تاماق يەۋاتاتتۇق، تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمىزدىكى ھەممە نەرسە قاتتىق سىلكىنىشكە باشلىدى، يەر تەۋرىدى!» شىكەكۆل بازىرىنىڭ ئاھالىسى زۇلخۇمار ئالىم مۇخبىرغا شۇ كۈنى كەچتىكى ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى: «بىز شۇ چاغدا سەل ئالاقزادە بولدۇق، لېكىن دادام ناھايىتى تەمكىن بولدى، بىز ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا كېلىپ خەتەردىن ساقلاندۇق، سىلكىنىش پەسەيگەندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى دەرھال ئۆيدىن چىقىپ كەتتۇق».

ناھايىتى تېزلا سىرتقا نۇرغۇن ئاھالە توپلاشتى، ھەممە ئادەمنىڭ كۆزىدىن ئازدۇر - كۆپتۇر ۋەھىمە چىقىپ تۇراتتى. «بۇنداق ئىشقا يولۇققاندا، كاللام بىردىنلا توختاپ قالدى، بىراق، بىز<نىجات يۇلتۇزى>نىڭ تېزلا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتۇق.» بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا زۇلخۇمارنىڭ كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى.

بۇ كېچە نۇرغۇن ئادەم كىرپىك قاقمىدى

1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈش، پەيزاۋات ناھىيەسى شىكەكۆل بازىرىدىكى غول يولنىڭ يېنىدا، نەچچە ئون ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش خادىمى يول قىرىدا ئولتۇرۇپ چۈشلۈك تامىقىنى تېز - تېز يەۋاتاتتى.

ئاممىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش تاماملانغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاندىن بۇ تەستە كەلگەن تاماق يېيىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنىدى. 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 21دىن 27مىنۇت ئۆتكەندە يەر تەۋرىگەندىن باشلاپ، بۇ ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئىزچىل كىرپىك قاقماي، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە باشتىن - ئاخىر جەڭ قىلدى.

«بىز بىرىنچى ۋاقىتتا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، 28 ئاپتوموبىل، 116 ئادەمنى تەشكىللەپ يەر تەۋرەش مەركىزىگە ئەۋەتتۇق. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۆيلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە چارلاش ھەمدە نەق مەيداننى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىدۇق.» قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتىنىڭ سەنمۇجاڭى جاڭ لېي مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ كېچىلەپ جەڭ قىلىشى ئارقىلىق، جەمئىي 250 نەچچە ئۆينى رەتكە تۇرغۇزۇپ - تەكشۈرۈپ چىقتۇق، يەنە يەرلىك ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردۇق».

بۇ كېچە يەنە نۇرغۇن ئادەم كىرپىك قاقمىدى. يەر تەۋرىگەن ئاشۇ چاغدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايوندىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، يەر تەۋرەش، ئوت ئۆچۈرۈش، قاتناش قاتارلىق تارماقلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، يەر تەۋرىگەن رايونغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى، قەشقەر ۋىلايىتى، پەيزاۋات ناھىيەسى 12 قۇتقۇزۇش كۈچى، 198 ئاپتوموبىل، 1136 ئادەمنى تەشكىللىدى، ناھىيە، يېزا، كەنت كادىرلىرىدىن 7000 ئادەم، 500دىن ئارتۇق ئاپتوموبىلنى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونغا ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلدى.

مۇخبىر نەق مەيداندا نۆۋەتتە يەر تەۋرەش رايونىدا سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەش، خەۋەرلىشىشنىڭ نورماللىقىنى، بۇزۇلغان ئۆي، يوللارنىڭمۇ جىددىي رېمونت قىلىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى، ھەممە ئىشلارنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

«بىزنىڭ بۇ يەردىكى تۇرمۇشىمىز ناھايىتى ياخشى»

يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، پەيزاۋات ناھىيەسى دەرھال پەيزاۋات ناھىيەلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپ، گۈللۈك يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ، غولتوغراق بازارلىق 3 - باشلانغۇچ مەكتەپتە ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن ئۈچنى تەسىس قىلدى.

يەر تەۋرىگەندىن تارتىپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كىرىشكىچە، زۇلخۇمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىككى سائەتمۇ ۋاقىت كەتمىدى. «ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، بىز تېز سۈرئەتتە غولتوغراق بازارلىق 3 - باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا يۆتكەلدۇق، يېتىپ بارغاندا، ھەربىر ئۆيدە يوتقان - كۆرپىلەرنىڭ سېلىنغانلىقىنى، يېمەكلىك، قايناق سۇ تەييارلانغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىمىزدە بىردىنلا ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق، يەر تەۋرەش ئېلىپ كەلگەن قورقۇنچ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئىس - تۈتەكتەك تارىلىپ كەتتى.» زۇلخۇمار مىننەتدارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «گەرچە ھازىر ئۆيىمىزگە قايتالمىساقمۇ، لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردىكى تۇرمۇشىمىز ناھايىتى ياخشى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ئەمەلىي بولدى».

«ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا ئىچىدىغان سۇ، يېمەكلىك، يوتقان - كۆرپە قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تولۇق كاپالەتكە ئىگە، بىز بارلىق ئاممىنىڭ ئىچىدىغان قايناق سۈيى، يەيدىغان تامىقى بولۇشىغا، توڭلاپ قالماسلىقىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى تارقىتىشقا مەسئۇل بولغان پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى.

گۈللۈك يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا ۋاقىتلىق قۇرۇلغان كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىدە، تېببىي خادىم 70 ياشلىق مەمەت تۇردى بوۋاينى تەكشۈرۈۋاتاتتى. «قان بېسىمىڭىز نورمال ئىكەن، قان شېكىرىڭىزدىمۇ مەسىلە يوق، سالامەتلىكىڭىزدە چوڭ چاتاق يوق ئىكەن، ياخشى ئارام ئالسىڭىزلا ئەسلىڭىزگە كېلەلەيسىز.» «ماقۇل، سىلەرنى راستلا جاپاغا سالدىم !» دېدى بوۋاي مىننەتدارلىق بىلەن.

يېقىنلا يەردە، بالىلار قىشنىڭ ئاپتىپىدا خۇشال ئويناۋاتاتتى، چوڭلار قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا ياردەملىشىپ، ماددىي ئەشيالارنى توشۇپ، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتاتتى، ئىشلار تەرتىپلىك بولۇپ، ھەممە ئۈمىدكە تولغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى