تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش كېرەك

شى جىنپىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى قاتارلىق كۆپ قىسىم رايوندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەردى. 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 18گە قەدەر، چېگرا ئىچىدە دوكلات قىلىنغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالى جەمئىي 224 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالى 217 (ۋۇخەن شەھىرىدە 198، بېيجىڭ شەھىرىدە بەش، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە 14)؛ گۇمانىي كېسەللىك مىسالى يەتتە (سىچۇەن ئۆلكىسىدە ئىككى، يۈننەن ئۆلكىسىدە بىر، شاڭخەي شەھىرىدە ئىككى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا بىر، شەندۇڭ ئۆلكىسىدە بىر). ياپونىيە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىر كېسەللىك مىسالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، تايلاند ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئىككى كېسەللىك مىسالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، كورېيە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىر كېسەللىك مىسالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

يۇقۇم ئەھۋالى يۈزبەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى: خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى قاتارلىق جايلاردا يېقىندا ئارقا - ئارقىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەردى، بۇنىڭغا جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھازىر دەل چاغان مەزگىلى، ئادەملەر كەڭ دائىرىدە زىچ يۆتكىلىۋاتىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەم ئالاقىدار تارماقلار خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئەتراپلىق، پۇختا لايىھە تۈزۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى تەشكىللەپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك. ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە تارقىلىش سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، كېسەللىك مىسالىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. يۇقۇم ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تىنچ، خاتىرجەم كاتتا چاغان ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى: ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە جايلار خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش ۋە مەركەزلىك قۇتقۇزۇش - داۋالاش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ۋىرۇس مەنبەسى ۋە يۇقۇملىنىش، تارقىلىش قاتارلىق جەريانلارنى ئېنىقلاشنى تېزلىتىپ، يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا، ئوبيېكتىپ ئېلان قىلىپ، يۇقۇم مۇداپىئە بىلىملىرىنى ئىلمىي تەشۋىق قىلىش كېرەك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى ياخشى ئىشلەپ، زىچ ھەمكارلىشىپ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى ۋە يامرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يەرلىكنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. خۇبېي ئۆلكىسى قاتارلىق ئالاقىدار جايلار تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قەتئىي ياخشى ئىشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.