دېڭىزنى كېسىپ ئۆتىدىغان مېترو تونىلىنى قېزىش نەق مەيدانىدىن كۆرۈنۈش (1-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، چىڭداۋ مېترو 8-لىنىيەسىنىڭ داياڭ بېكىتىدىن چىڭداۋا شىمالىي بېكىتىگىچە بولغان دېڭىزدىن ئۆتىدىغان بۆلىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قېزىش مەشغۇلاتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۇلىنىشىغا ئەگىشىپ، چىڭداۋ مېترو 8-لىنىيەسىنىڭ 5.4 كىلومېتىرلىق دېڭىزدىن ئۆتىدىغان تونىلى ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلدى، بۇ، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ دېڭىز ئاستىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان ئارىلىقى ئەڭ ئۇزۇن مېترو تونىلى ھېسابلىنىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى زىخېڭ فوتوسى
بىر فوتوگراف دېڭىزنى كېسىپ ئۆتىدىغان مېترو تونىلىنى قېزىش نەق مەيدانىنى سۈرەتكە تارتماقتا (1-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى زىخېڭ فوتوسى