1-ئاينىڭ 20-كۈنى، قەدىمىي شەھەردىكى پانۇس سەيلىسى مەيدانى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان داتۇڭ قەدىمىي شەھەر پانۇس سەيلىسى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى باشلاندى. 2020-يىللىق پانۇس سەيلىسىدە، داتۇڭ قەدىمىي شەھىرىنىڭ جەنۇبىي سېپىلى بولغان ۋېڭچېڭ، يۆچىڭ، گۇەنچېڭ، ئېرچېڭ قاتارلىق جايلارغا ئالتە چوڭ باش تېمىدىكى 40تىن ئارتۇق پانۇس گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، پانۇس سەيلىسى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
پانۇس سەيلىسى نەق مەيدانىدىكى تامدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن چوڭ سۇمۇرۇغ.
قەدىمىي شەھەر پانۇس سەيلىسى نەق مەيدانىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر.
قەدىمىي شەھەر پانۇس سەيلىسى نەق مەيدانىدىكى «داشۇخۇا» ئويۇنى.
ساياھەتچىلەر قەدىمىي شەھەر نەق مەيدانىدا پانۇسلارنى كۆرمەكتە.
قەدىمىي شەھەر پانۇس سەيلىسىدە نامايان قىلىنغان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت كىشىلەرگە قويۇق جۇڭگو يىلىنى ھېس قىلدۇردى.