تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى): يېزا-كەنت بازىرىدىكى كۈلكە ئاۋازى

  1-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) لياڭخې تەۋەلىك رايونى ماجياجۇاڭ كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ماقايقان ئەدەل(ئوڭدا) مۇراببا ساتماقتا.

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ خۇڭمېي خەۋىرى، فوتوسى) 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، لياڭخې تەۋەلىك رايونى ماجياجۇاڭزى كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئالدىغا پانۇسلار ئېسىلغان بولۇپ، ئىككى چوڭ ياڭراتقۇدا مۇزىكا ياڭرىماقتا ئىدى، دۇڭنەنگۇ كەنتى، سارداۋان كەنتى، ئاقچوقا كەنتى، داچۈەن كەنتىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار مېۋە مۇرابباسى، قېزا، قوتاز گۆشى، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، 80 نەچچە يايما ئورنى تەسىس قىلىپ، يېزا-كەنت بازارلىرىدا بازار ئاچتى.

  كىشىلەر توپى ئارىسىدا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇئاۋىن رايون باشلىقى دىڭ تۇڭزۇ يايما ئورۇنلىرىنى ئايلىنىۋاتاتتى.

  ئۇ بىر مۇراببا يايمىسىنىڭ ئالدىدا توختىدى. «سىزنىڭ مۇراببارىڭىز قارىماققا ناھايىتى يېيىشلىكتەك قىلىدۇ، ئۆزىڭىز ياسىغانمۇ؟» دەپ سورىدى دىڭ تۇڭزۇ.

  «ھەممىسىنى ئۆزۈم ياسىغان، ئالتە خىل تەملىك، يەنە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان» دېدى 32 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ماقايقان ئەدەل سۆزلىگەچ يان تېلېفونىدىكى تاۋار ماركىسىنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ.

  بۇ ۋاقىتتا كەنت ئاھالىسى گۈلجاز ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇ ئالدى بىلەن چوڭ يەڭگىسىنىڭ قوي گۆشى شورپا يايمىسىدا خېرىدارلارنى كۈتتى، ئارقىدىن ئۈچىنچى يەڭگىسىنىڭ قېزا يايمىسىدا قېزىلارنى جىڭلاشقا ياردەملەشتى.

  «قارىسام سىز ناھايىتى ئالدىراشكەنسىز، سودىڭىز قانداقراق؟» دەپ سورىدى دىڭ تۇڭزى گۈلجازدىن.

  «سودام ياخشى! تېخى بايىلا بىر كىشى بىر قېتىمدا 40 كىلوگرام قېزا زاكاز قىلدى» دېدى گۈلجاز كۈلۈپ تۇرۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى يېرىم يىللىق كىرىمىگە باراۋەر ئىدى، ئۇ يەنە دېھقانلار ئارامگاھى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتاتتى.

  «ئۇنداقتا، كەنتىمىزنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدىكەندە!» دېدى ياندا يايما ئېچىۋاتقان ئۇلزات مۇرات ۋاكوملۇق خالتىغا قاچىلانغان چوڭ بېلىقنى كۆتۈرۈپ كېلىپ سۆز قىستۇرۇپ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قازاقىستاننىڭ سوغۇق سۇ بېلىقى ئىكەن. ئۇنىڭ تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوستلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن كېيىن، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىن نۇرغۇن خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە بېيىشىغا تۈرتكە بولغان. 

  «يىگىت، سىز بېيىش باشلامچىسى بولالايسىز!» دېدى دىڭ تۇڭزى باش بارمىقىنى چىقىرىپ، «لياڭخې تەۋەلىك رايونى كەلگۈسىدە بىر يول ئاچىدۇ، بۇ يول بەينىياۋخۇدىكى ئېرخاۋتەيدىغا تۇتىشىدۇ، قۇرۇقلۇق پورتى رايونى يېقىن ئەتراپتا بولۇپلا قالماي، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شەھەر رايونىغا بېرىشمۇ قولايلىق بولىدۇ».

  «بۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، مەيلى خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلار بولسۇن ياكى ئىگىلىك تىكلىگەنلەر بولسۇن، ھەمىيىنىمىز بارغانسېرى تومپىيىدۇ.» دېھقان-چارۋىچىلار دىڭ تۇڭزىنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، كۈلۈشۈپ چاۋاك چېلىشىپ كەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى