تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

11 خىل ئادەت چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدىكەن

  ياش، ئوتتۇرا ياش ۋاقىتتا قايسى خىل ساغلاملىق ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرگەندە، ياشانغاندىن كېيىن چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىغا پايدىلىق بولىدۇ؟ 

  ئويۇن ئويناش. چوڭ مېڭىنىڭ ئالدىنقى ياپراقچىسى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، شاھمات ئويناش ۋە قارتا ئويناش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ بۇ رايونىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدىكەن. ئامېرىكا ۋېسكاڭشىڭ داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، دائىم رەسىم قوراشتۇرۇش ئويۇنى ئوينايدىغان ۋە شاھمات ئوينايدىغان ياشانغانلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا مەسئۇل رايونىنىڭ سىغىمى بۇنداق ئويۇنلارنى ئوينىمايدىغان ئوخشاش ياشتىكىلەردىن چوڭ بولىدىكەن.

  خىيال سۈرۈش. ھەر كۈنى 12 مىنۇت چوڭقۇر خىيال سۈرسە، چوڭ مېڭىنىڭ قان ئېقىم مىقدارى ئېشىپ،  ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدىكەن.

  يۈرەكنى ئاسراش. ئامېرىكا مەيئامى داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، يۈرەكنى قانچە ئاسرىسا، تونۇش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى شۇنچە ئازىيىدىكەن. ساغلام يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى چوڭ مېڭىگە تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن.

  ئوكسىگېنلىق چېنىقىش. ئوكسىگېنلىق چېنىقىش چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىغا ئەڭ پايدىلىق ئىكەن. ئامېرىكا ۋېكېسېنلىن داشۆسى تىببىي شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئوكسىگىنلىق ھەرىكەتكە قاتناشقان ياشانغانلارنىڭ چوڭ مېڭە سىغىمى ئادەتتىكى چېنىقىش ھەرىكەتلىرىنى قىلىدىغانلارنىڭكىدىن چوڭ بولىدىكەن.

  دائىم چوڭقۇر ئويلىنىش. چوڭ مېڭە نېرۋىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇلىنىشقا تاينىپ ئاندىن خىزمەت قىلالايدىكەن، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ بۇ ئۇلانمىلىرى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولىدىكەن. تەنقىدىي تەپەككۈر ئانالىزى(مەسىلەن: كىتاب ئوقۇش كۇلۇبىغا قاتنىشىش ۋە كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش) ئارقىلىق نېرۋىلار ئارىسىدىكى ئۇلانمىنى كۈچەيتكىلى بولىدىكەن.

  مۇزىكا ئاڭلاش. مۇزىكا ئاڭلاش ياكى مۇزىكا چېلىش ھەرىكەت پوستىلاق قەۋىتى، ئاڭلاش سېزىمى پوستىلاق قەۋىتى، ھېسسىيات مەركىزى ۋە يانداش سىستېمىلارنى غىدىقلايدىكەن. 

  رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىش. ئادەتتىكىدەك رەسىم بوياشتىمۇ بوشلۇقنى ئىنچىكە ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ، دىققەتنى ئىنچىكە نۇقتىلارغا يىغىش ئارقىلىقمۇ ياشانغانلارنىڭ تونۇش ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

  ياخشى ئۇخلاش. دائىم ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرغاندا، چوڭ مېڭە بېسىم پەيدا قىلغان بىر قىسىم زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلايدىكەن. 

  ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش. ھەممە ئىشنىڭ ئاكتىپ تەرىپىنى كۆرۈش كېرەك ئىكەن، چۈنكى بېسىم ۋە سېزىمچان ھورمون ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم.

  يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشۇش، كونا دوستلارنى ساقلاپ قېلىش. ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش، دوستلۇقنى ساقلاش بىلىش ئىقتىدارى چېكىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. ئىجتىمائىي ئالاقە ئادەم بەدىنىنىڭ بىر قىسىم ئەڭ مۇرەككەپ تونۇش ئىقتىدارىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىكەن.

  ئۇسسۇل ئويناش. ئۇسسۇل ئويناش ھەرىكەت بىلەن مۇزىكىنى بىرلەشتۈرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى جانلاندۇرىدىكەن.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى