تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تۆمۈر تولۇقلىغۇچى دورىلارنى يىگەندە، چېنزى شەربىتىنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىش كېرەك

    تۆمۈر ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئاساسلىقى قىزىل قان ئاقسىلى بىلەن مۇسكۇل قىزىل ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشىگە قاتنىشىپ، ئوكسىگېن يەتكۈزۈش ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. تۆمۈر يەنە ھۈجەيرە پىگمېنتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، نەپەسلىنىش ۋە ئېنېرگىيە مېتابولىزمىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆمۈر تولۇقلىغۇچى دورىلار بەدەندىكى ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيەسى ۋە كۆپ خىل ئېنزىملارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگانىزمنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارلىرىنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىدۇ. تۆمۈر كەملىك ۋە تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق دۆلىتىمىزدىكى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھامىلىدارلار، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

    ئادەم ئۈچىيىنىڭ pH قىممىتى ئاجىز ئىشقارلىققا ئىگە بولۇپ، تۆمۈر تولۇقلىغۇچى دورىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسىز، ۋىتامىن C بولسا ئۈچەينىڭ pH قىممىتىنى تەڭشەيدۇ. شۇڭا، تۆمۈر تولۇقلىغۇچى دورىلارنى يېيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 100 مىللىگراملىق ۋىتامىن C ياكى يېرىم ئىستاكان چېنزى شەربىتى ئىچسە، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

    تۆمۈر تولۇقلىغۇچى دورىلارنى يېگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: 1. ئەگەر ئاشقازان–ئۈچەي يولىدا روشەن ئىنكاس بولمىسا، تۆمۈر تولۇقلىغۇچى دورىلار بىلەن تاماقنى بىللە ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك؛ 2. كىسلاتاغا قارشى دورىلارنى ئىستىمال قىلىشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن ياكى كىسلاتاغا قارشى دورىلارنى ئىچىپ تۆت سائەتتىن كېيىن، ئاندىن تۆمۈر تولۇقلىغۇچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش كېرەك؛ 3. تۆمۈر كەملىك ۋە يېنىك، ئوتتۇرا دەرىجىلىك قان ئازلىقنى داۋالاشتا تۆمۈر تولۇقلىغۇچى دورىلارنى يېيىش ئارقىلىق داۋالاش ئاساس قىلىنىدۇ ھەمدە يېمەك-ئىچمەكنى ياخشىلاش، تۆمۈر ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكەر، مەسىلەن ئورۇق گۆش، ھايۋانات ئىچكى ئەزاسى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق تۆمۈر كەملىكنى داۋالىغىلى بولىدۇ، تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان يېڭى مېۋە، يېشىل كۆكتات، سەۋزە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ ئىسىتمال قىلغاندا، تۆمۈر ماددىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى