تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە چاغاندىن بۇرۇنقى بازارنى تەمىنلەشتە ماللارنىڭ تۈرى مول، باھاسى مۇقىم بولدى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ) چاغاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، بايراملىق بازارنى تەمىنلەشتە ماللارنىڭ يېتەرلىك، تۈرىنىڭ مول، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى چوڭ توپ سېتىش بازارلىرى، تاللا بازارلىرى ۋە كۆكتات بىۋاستە سېتىش نۇقتىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، گۆش، قۇش گۆشى، تۇخۇم، سۈت قاتارلىقلار سودا-سېتىقنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالغان، نۇرغۇن سودا-ساراي، تاللا بازارلىرى چاغانلىق سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن يېشىل، ساغلام، مودا تاۋارلار بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر دەرىجىلىك سودا-سانائەت تارماقلىرى ھەر قايسى چوڭ سودا سارايلىرى، تاللا بازارلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇشىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، بايرام مەزگىلىدە بازار تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك، مۇقىم، بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  جيۇدىڭ، شىنليەن كۆكتات توپ سېتىش بازىرىدا، سېتىلغان كۆكتاتلارنىڭ تۈرى 150 خىلدىن ئاشقان، ھەر كۈنى شەندۇڭ، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىن يۆتكەپ كېلىنگەن نۇرغۇن يېڭى كۆكتاتلار بازارغا سېلىنغان، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە سېتىلغان كۆكتات مىقدارى 5000 توننىدىن ئاشقان.

  مېۋە-چېۋە توپ سېتىش بازىرىمۇ قىزىپ كەتكەن بولۇپ، بازاردا سېتىلىۋاتقان مېۋە-چېۋىنىڭ تۈرى 120 خىلدىن ئاشقان، مەيلى يەرلىك مېۋە-چېۋە بولسۇن ياكى چىلىنىڭ چېلىزىسى، تايلاندنىڭ ليۇليەنى، بېرمىنىڭ مانگوسى قاتارلىق ئىمپورت قىلىنغان مېۋىلەر بولسۇن، ھەممىسى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ داستىخىنىغا چىققان.

  مېۋە-چېۋە توپ سېتىش سودىگىرى لى شىنفۇ مۇنداق دېدى: ھازىر گەنجۈ تۈرىدىكى مېۋە-چېۋىلەرنىڭ پىشىدىغان پەسلى، بازارنى تەمىنلەش مىقدارى يېتەرلىك، باھاسى مۇۋاپىق، 10 كىلوگرام مېۋىنىڭ سېتىلىش باھاسى 65 يۈەن ئەتراپىدا.

  بۇ يىل چاغاندا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يېمەكلىك ئىستېمالىدا «مىقدارى ئاز، تۈرى كۆپ بولۇش»قا ئەھمىيەت بېرىلگەن، سۈپەتكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، تۈرلۈك يېرىم پىششىق مەھسۇلاتلار ۋە كۆكتاتلار بىر قەدەر ئالقىشقا ئېرىشكەن.

  خەيخۇا خەلقئارا يېمەكلىك ئوبوروت پورتىدا چاغانلىق مال يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ھەر كۈنى 30 مىڭ ئادەم قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ مال سېتىۋالغان.

  كەررېفور تاللا بازىرى، دوستلۇق تاللا بازىرى قاتارلىقلارمۇ چاغانلىق مال سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاغانلىق تاماق زاكاز قىلىشمۇ قىزىپ كەتكەن. داڭلىق مېھمانساراي ۋە خاسلىققا ئىگە ئاشخانىلارنىڭ ئايرىمخانىلىرىدىن ئۈستەل زاكاز قىلىش تەس بولغان، توردىن يېرىم پىششىق كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش مودىغا ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بىزگە تونۇش ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى...
  • توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش
  • خوتەندىكى كەچلىك بازارلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى