1-ئاينىڭ 19-كۈنى، شەندۇڭ چىڭداۋ شەھىرى جىمو رايونىدىكى بەييى لۈيجوۋ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تېرىقچىلىق بازىسىدىكى دېھقان پارنىكتا گۈللەرنى پەرۋىش قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەندۇڭ چىڭداۋ شەھىرى جىمو رايونى لىڭشەن بازىرى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ، دېھقانلارنى ئەتىرگۈل، قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى، دۇجۈەن قاتارلىق 30 نەچچە خىل بازىرى ئىتتىك سورتلارنىڭ «زاكازلىق گۈل» تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى، پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ تېرىقچىلىق قىلىش، بىر تۇتاش باشقۇرۇش، تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىش، ئسىتراھەت، ھوزۇرلىنىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر بۇ بازاردىكى گۈل-گىياھ تېرىلغۇ كۆلىمى 10 مىڭ مودىن ئاشقان. (لياڭ شياۋپېڭ فوتوسى)