تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ شىنجۈن خەۋىرى، فوتوسى): 1- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئوتتۇرا ئاسىيا شىمالىي يولى كوچا باشقارمىسى شاڭبېي مەھەللىسىدە، «قەلب پەرۋازى» تېمىسىدىكى شاڭبېي مەھەللىسىنىڭ 1- قارارلىق قىشلىق لاگېرىنى تاماملاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى قىشلىق لاگېرغا 90 نەچچە بالا قاتناشقان بولۇپ، ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەتتە، بالىلار ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، سەنئەت، مەدەنىيەت كەسپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇزىكا، گىتار ، ئۇسسۇل قاتارلىقلارنى ئۆگەندى.
كوچا ئۇسسۇلى ئويۇنى
كىچىك دوستلار بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتىپ، بىر تەرەپتىن بارماق تىلى ئارقىلىق ناخشىنى ئىپادىلىمەكتە.
كىچىك دوست كۆپچىلىككە گىتار چېلىپ بەرمەكتە.