تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خېبېي خەلقى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى»نى تاماشا قىلىپ چاغاننى كۈتۈۋالدى

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 1- ئاينىڭ 19- كۈنى كەچتە، خېبېي شىجياجۇاڭ شياۋجيايىڭ خۇيچۈن كۆرگەزمە باغچىسىدىكى رەڭگارەڭ،  شەكلى ھەر خىل  «جياۋلىڭ گۈل»لىرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، جياۋلىڭ گۈلى «جياۋلىڭشەن» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن، 600 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ،  بەخت-سائادەتكە سىمۋول قىلىنىدىكەن.

    2015- يىلى، «جياۋلىڭشەن» بۇ شەھەرنىڭ 6- تۈركۈمدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. 1- ئاينىڭ 25- كۈنى (چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى) دىن 2- ئاينىڭ 8- كۈنى (چاغاننىڭ 15- كۈنى) گىچە داۋاملىشىدىغان شياۋجيايىڭ 2020- يىللىق خېبېي خۇيچۈن تۇنجى نۆۋەتلىك مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمىدا، چوڭ تىپتىكى «جياۋلىڭ گۈلى دېڭىزى» دۆلەت ئىچىدە تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

     شۇ ۋاقىتتا، ئامما ھەر خىل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە ھەر خىل چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىگە قاتنىشىپ، چاغاننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزىدۇ. سۈرەتتە: ساياھەتچىلەر «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» بولغان جياۋلىڭ گۈلىدىن ھۇزۇرلاندى.

ساياھەتچىلەر «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» بولغان جياۋلىڭ گۈلىدىن ھۇزۇرلانماقتا.

جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دى يۈجيا فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى