تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

چاغاننى كۈتۈۋېلىش سەنئەت نومۇرلىرى ھەربىي گازارمىغا كىردى، ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، چاغان پۇرىقى قويۇق بولدى

مەھەللە ئاھالىسى ۋە ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر خۇشال ھالدا سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرمەكتە.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن پېڭ خەۋىرى، فوتوسى) 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ ئارتىسلىرى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىم گازارمىسىغا كېلىپ، چاغان كېلىش ئالدىدا ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى سوۋغا قىلدى. ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسىنىڭ شۇاڭلۇڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شۇاڭلۇڭ مەھەللىسى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ ئارتىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، تەۋەلىكىتىكى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىمنىڭ گازارمىسىغا بېرىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە، مەھەللىدىكى ئاممىغا ۋە تەتىل قىلىۋاتقان بالىلارغا بىر مەيدان مول مەزمۇنلۇق سەنئەت ئويۇنى قويۇپ بەردى. ئۇسسۇل «رەڭدار شىنجاڭ»، يالغۇز كىشىلىك ناخشا «ئاق تېرەك» ۋە ئىتوت «ئۇرۇق-تۇغقان» قاتارلىق نومۇرلار ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋە ئاھالىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى شۇنداقلا ھەربىي گازارمىغا ئارمىيە بىلەن خەلق چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىش خۇشال كەيپىياتى بېغىشلىدى.

 يالغۇز كىشىلىك ناخشا «ئاق تېرەك» ئورۇندالماقتا.

 «ئۇرۇق-تۇغقان» ناملىق ئىتوت رېئال تۇرمۇشتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ھېسسىياتىنى ئاھالىلەر بىلەن ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ ئېسىگە سالدى. 

ئارتىس دىلرابا ناخشا ئېيتىماقتا.

كوللېكتىپ ئۇسسۇل «رەڭدار شىنجاڭ».

كوللېكتىپ ئۇسسۇل «رەڭدار شىنجاڭ».

ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر سەھنىدىكى ئارتىسلارغا چاغانلىق سوۋغات بەردى.

ئارتىس گۈلنار يۈجۈ تىياتىرى ئورۇندىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جەڭ
  • دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك
  • 【ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلايلى】 مېۋە-چېۋە ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىش