1-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4-شىسى كۆكدالا جىنگۇ مەدەنىيەت مەيدانىدا، شى-شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىدىكى خەتتاتلار شى-شەھەردىن چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرگىلى كەلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىغا چۇنليەن يېزىپ بېرىپ، ئۇلارغا بايراملىق بەخت تىلىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ 4-شى كۆكدالا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، شى-شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۆتكۈزگەن «学习强国» سۇپىسى جۇغلانما نومۇرىنى چۇنليەنگە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى بولۇپ، شۇ كۈنى نەق مەيداندا جەمئىي 200دىن ئارتۇق چۇنليەن ۋە «بەخت» خېتى يېزىلىپ سوۋغا قىلىنغان.
«学习强国» سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى