تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىڭتۇەن پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۈرۈمچىدە پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يەن خەۋىرى):1-ئاينىڭ 16-كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك بىڭتۇەن پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت پۇتبولى مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە رەسمىي باشلاندى، شۇ كۈنى سائەت 16دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، 12-شى ۋەكىللەر كوماندىسى بىلەن ئۈرۈمچى ئۈمىد پۇتبول ۋەكىللەر كوماندىسى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىگە چۈشتى.

مۇسابىقە بەش كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بىڭتۇەن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 12 ۋەكىللەر كوماندىسى، 160 نەپەر ئىشتىن سىرتقى تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. مۇسابىقە بىڭتۇەن پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن جەمئىيەت پۇتبولى مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىسى بولۇپ، بۇ، بىڭتۇەن تەۋەلىكىدىكى جەمئىيەت پۇتبولى بويىچە ئاۋام پۇتبول كوماندىلىرىنى بىرلەشتۈرۈشتىكى مۇسابىقە سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە بىڭتۇەن مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلغان، مۇسابىقىنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پۇتبولچىلار جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، 12-شى پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، مۇسابىقە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن پۇتبول خىزمىتى تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، بىڭتۇەننىڭ جەمئىيەت پۇتبولى تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى مەقسەت قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى