تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭدا يېقىندا يەر تەۋرەش كۆپ قېتىم يۈز بەردى، مۇتەخەسسىسلەر «بۇ نورمال قۇرۇلما ھەرىكىتى» دەپ چۈشەندۈردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شيې خۇيبيەن خەۋىرى) 2020-يىلى 1-ئايدا، شىنجاڭدا بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش بىر قەدەر كۆپ يۈز بەردى، 1-ئاينىڭ 16-كۈنى كۇچا شەھىرىدە 5.6 بال، 1-ئاينىڭ 18-كۈنى پەيزاۋات ناھىيەسىدە 5.4 بال يەر تەۋرىدى، 1-ئاينىڭ 19-كۈنى پەيزاۋات ناھىيەسىدە 6.4 بال يەر تەۋرىدى، شۇ كۈنى پەيزاۋات ناھىيەسىدە يەنە 5.2 بال يەر تەۋرىدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى، دوكتور سۇڭ چۈنيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش «ئالدىن تەۋرەش-ئاساسىي يەر تەۋرەش-قالدۇق يەر تەۋرەش» تىپىدىكى يەر تەۋرەش بولۇپ، پەيزاۋاتتا يۈز بەرگەن 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى 5.4 بال يەر تەۋرەش بىلەن 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى 5.2 بال يەر تەۋرەش ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6.4 بال يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنقى يەر تەۋرىشى ۋە قالدۇق يەر تەۋرىشى ھېسابلىنىدۇ. تۆت بال، بەش بال قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ بىر قەدەر كۆپ يۈز بېرىشى بۇ رايوننىڭ دېفورماتسىيە كۈچى(ئېنېرگىيە)نىڭ بىر قەدەر تولۇق قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ بەك ھودۇقۇپ كېتىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. 

  شىنجاڭ ھىندىستان بۆلىكى بىلەن ياۋروپا-ئاسىيا بۆلىكىنىڭ ئۇچرىشىش بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر تەۋرەش ھەرىكىتىنىڭ قېتىم سانى كۆپ، تارقىلىشى كەڭ، كۈچى كۈچلۈك، يەر تەۋرەش قېتىم سانى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا ئالتە بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلدا بىر قېتىم، بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلدا 4-5 قېتىم يۈز بېرىدىكەن، تارىختا بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش ۋە بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش ئۇدا يۈز بەرگەن ئەھۋالمۇ كۆرۈلگەن. 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى جىڭ ناھىيەسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شىنجاڭدا ئالتە بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش ئىككى يىلدىن كۆپرەك تىنچلانغان. «ئەمەلىيەتتە بۇ ئېنېرگىيەنىڭ يېتەرلىك توپلانغانلىقى بولۇپ، سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسىلا يەر تەۋرەش يۈز بېرىدۇ، پەيزاۋاتتىكى 6.4 بال يەر تەۋرەش نورمال ھەرىكەت دائىرىسىگە كىرىدۇ» دېدى سۇڭ چۈنيەن چۈشەندۈرۈپ. پەيزاۋاتتا بۇ قېتىم 6.4 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن رايون پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شېكەركۆل بازىرىدا بولۇپ، كەلپىن ئۈزۈلمە بەلبېغىغا توغرا كېلىدىكەن. تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، 1900-يىلدىن بۇيان كەلپىن ئۈزۈلمە بەلبېغىدا يەتتە بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەپ باقمىغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: كەلگۈسىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قالدۇق يەر تەۋرەش داۋاملىشىشى مۇمكىن، ئەگەر قالدۇق يەر تەۋرىسە، كۆپچىلىك قۇتقۇزغۇچىلارنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى كېرەك، ئەگەر سىرتتا بولسا، بىنالاردىن ئىمكانقەدەر يىراق تۇرۇشى، ئۆي ئىچىدە بولسا، نەرسە-كېرەك ساقلاش ئۆيى، تازىلىق ئۆيىگە، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تېمى يېنىغا يوشۇرۇنۇپ، قالدۇق يەر تەۋرەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيداندىن ئايرىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى