تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ «قاتتىق قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان 6 - ليەن»دىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە جاۋاب خەت يېزىپ ئۇلارنى «قاتتىق قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان روھ»نى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ليەندۈينى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى

شى جىنپىڭ «قاتتىق قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان 6 - ليەن»دىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە جاۋاب خەت يېزىپ

ئۇلارنى «قاتتىق قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان روھ»نى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ليەندۈينى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى 74 - جىتۇەنجۈن مەلۇم لۈسىنىڭ «قاتتىق قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان 6 - ليەن»ىدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، غەلىبە قىلىش ماھارىتىنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، «قاتتىق قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان روھ»نى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ليەندۈينى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى ھەم ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە چاغانلىق بەخت تىلىدى. جاۋاب خەتنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

«قاتتىق قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان 6 - ليەن»دىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر:

ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. 2004 - يىلى، مەن ليەندۈيگە مەخسۇس بېرىپ سىلەرنى يوقلىغانىدىم. سىلەرنىڭ يۆتكەلگەندىن كېيىن شانلىق ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى نەتىجە ۋە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى خۇش بولدۇم.

ئاساسىي قاتلام قىسىمنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى. سىلەرنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، غەلىبە قىلىش ماھارىتىنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، «قاتتىق قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان روھ»نى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ليەندۈينى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

چاغان كېلەي دەپ قالدى، مەن سىلەرگە ۋە ئائىلەڭلەردىكىلەرگە سەمىمىي سالام يوللايمەن ۋە گۈزەل تىلەك تىلەيمەن.

شى جىنپىڭ

2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى

«قاتتىق قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان 6 - ليەن» شانلىق ئەنئەنىگە ئىگە بىر قەھرىمان ليەندۈي. 1964 - يىلى، بۇ ليەنگە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «قاتتىق قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان 6 - ليەن» دەپ شەرەپلىك نام بېرىلگەن. شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامغا رىشتە باغلاپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە مۇھەببەت باغلاپ، «قاتتىق قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان 6 - ليەن»گە ئىزچىل ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. 2004 - يىلى، شى جىنپىڭ ليەندۈيگە نام بېرىلگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا مەخسۇس قاتنىشىپ، ليەندۈينى سەمىمىي يوقلىغانىدى. 2014 - يىلىدىكى گۇتيەن پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىدا، شى جىنپىڭ ليەندۈينىڭ شۇ چاغدىكى جىداۋيۈەنىنى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن ليەندىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. يېقىندا «قاتتىق قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان 6 - ليەن»دىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر تولۇپ تاشقان چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن شى جۇشىغا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ يۆتكەلگەندىن كېيىنكى خىزمەت، ئۆگىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى دوكلات قىلىپ، شى جۇشىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شانلىق ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، غەلىبە قىلىشقا ئىرادە باغلاشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.