تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

نازارەت قىلىش ئىدارە قىلىشنىڭ ئىچكى مۇھىم ئامىلى بولۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولى، ئۈنۈملۈك تۈزۈمىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتىكى چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئىزچىللىشىشىغا، ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى، تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى.

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسى پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىسلىسىز جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان، تارىخىي دەۋرىيلىكتىن چىقىپ كېتەلەيدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك يولنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقىپ، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك ھوقۇق نازارەتچىلىكى تۈزۈمى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. بۇ يول، بۇ بىر يۈرۈش تۈزۈم يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور ئەمەلىي نەتىجە، سىياسىي نەتىجە، نەزەرىيە نەتىجىسى، تۈزۈم نەتىجىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى، ئۇنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش شەرت. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتىكى چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش»كە قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى ئومۇمىي تەلەپ پارتىيە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتۇر، كۈچەش نۇقتىسى نازارەتچىلىكنىڭ كەسكىنلىكى، ماسلىشىشچانلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىشتۇر. بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى تەدبىر بەلگىلەش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، قوماندانلىق قىلىش، بايلىق - كۈچنى بىرىكتۈرۈش، تەدبىر، ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش جەھەتتە تېخىمۇ ماسلىشىدىغان قىلىش كېرەك؛ ئومۇميۈزلۈك قاپلاشتا، شەكىللىك قاپلاش بىلەن ئۈنۈملۈك قاپلاشنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى ياخشى تۇتۇپ، پۈتكۈل نازارەتچىلىك سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا تۈزۈلمە - مېخانىزمنى ئىلمىي لايىھەلەپ، نازارەتچىلىك سىستېمىسىنىڭ بىر پۈتۈن ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي تەلەپنى ئىگىلەپ، كۈچەش نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، تەدبىر بەلگىلەش ئىلمىي، ئىجرا قىلىش قەتئىي، نازارەتچىلىك كۈچلۈك بولغان ھوقۇق يۈرگۈزۈش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرگەندىلا، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك. سىياسىي نازارەتچىلىك، كاپالەت تۈزۈمى ئىجراسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئىككىنى قوغداش» سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىردەك قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ خەلق مەركەز قىلىنغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ئېنىق تۈزۈم يۆنىلىشى ئارقىلىق راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، پاك، دۇرۇس بولغان يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ «يولۋاس»نىمۇ، «چىۋىن»نىمۇ تەڭ يوقىتىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، نەپسىنى يىغماسلىق، قولىنى تارتماسلىقتەك ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چىرىكلىكنى تۈزەش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي ئۈنۈم، ئىنتىزام - قانۇن ئۈنۈمى، جەمئىيەت ئۈنۈمىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نازارەتچىلىك بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى پۇختىلاپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ قاتتىق بولغان ئىنتىزامنى قوغداش تۈزۈمى ئارقىلىق ئىنتىزامنىڭ چەكلەش كۈچى ۋە تۈزۈمنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنىڭ تۈزۈم بويىچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، تۈزۈمدىن پايدىلىنىپ ئىش قىلىشقا ماھىر بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بۇرچ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرىدۇ، بۇرچ كەلگۈسىگە يېتەكلەيدۇ. پەقەت پارتىيەمىز ئۆزىنى ياخشى قۇرۇپ، قۇدرەت تاپقۇزۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن بىللە بولۇش، بىللە ئىشلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلسىلا، چوقۇم جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن پاراخوتنى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، شانلىق قىرغاققا قاراپ غەلىبىلىك مېڭىشقا يېتەكلىيەلەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى