تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۇرسۇنجاننىڭ سودىسى بارغانسېرى يۈرۈشۈپ كەتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شيې خۇيبيەن، لى شىڭ

«بېزەش جەريانىدا قانداق قىلىپ بۇلغىنىشنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشتە، ھۈنەر ۋە ئىش تەرتىپى ناھايىتى مۇھىم، مەسىلەن، تاختاينى كەسكەندىن كېيىن، ۋاقتىدا يېپىق ھالەتتە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك...» 2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، چىرا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىدە، تۇرسۇنجان مەتتۇردى دەرس سۆزلەۋاتاتتى، تۆۋەندە ئولتۇرغان 30 نەچچە دېھقان ناھايىتى ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتاتتى، بەزىلەر پات - پات خاتىرە قالدۇراتتى.

دەرستىن كېيىن، بەزىلەر تۇرسۇنجاندىن چۈشەنمىگەن يەرلىرىنى سورىدى، ئۇ تاكى قارشى تەرەپ بېشىنى لىڭشىتقانغا قەدەر بىر تەرەپتىن سۆزلەپ، بىر تەرەپتىن ئۈلگە كۆرسىتىپ قايتا - قايتا چۈشەندۈردى. «مەن تېخنىكىنى كۆپچىلىككە ئۆگىتىپ، ئۇلارنىمۇ كىرىمىنى ئاشۇرسىكەن دەيمەن» دېدى تۇرسۇنجان.

سودىنىڭ ياخشىلىقىدىن يېتىشەلمەي قېلىش

تۇرسۇنجاننىڭ چىرا ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشتى. «بۇ يېرىم يىللىق كىرىم ئۆتكەن بىرنەچچە يىللىق كىرىمنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ كېلىدۇ» دېدى تۇرسۇنجان ھاياجانلانغان ھالدا.

تۇرسۇنجان ئەسلىدە بېزەكچىلىك قىلاتتى، ماتېرىيال ساتاتتى. تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە سافا ياساش دۇكىنى ئاچتى، ھازىر 200 مىڭ يۈەنلىكتىن ئارتۇق زاكاز بار. «بازارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغاندىلا بازار تاپقىلى بولىدۇ، سودىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ.» تۇرسۇنجان مۇنداق دېدى: تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ سۆزى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغانىدى، شۇڭا تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئىشىم چىرا ناھىيەسى ۋە ئەتراپتىكى يېزا - بازارلارغا بېرىپ بازار ئىزدەش بولدى. «زامانىۋى تۇرمۇش ئېقىمىنى توسىمەن دەپمۇ توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، ناھىيە بازىرىدا قەھۋەخانا، KTV، خوگوخانا ھەممىلا يەردە بار، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ مودا سافالار قويۇلدى...» بۇلارنى سۆزلەۋېتىپ تۇرسۇنجاننىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى. ئۇ ئۆيمۇئۆي، ھەتتا بېزەۋاتقان دۇكانلارغىمۇ كىرىپ سوراش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا بىرنەچچە دۇكان خوجايىنىنىڭ ئېسىل ھەم كۆركەم خۇرۇم سافا ئېلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما مۇۋاپىق مال مەنبەسى تاپالمىغانلىقىنى بىلدى.

ئىلگىرىكى ياغاچچىلىق ھۈنىرىگە تايىنىپ، تۇرسۇنجان خۇرۇم سافا ياساشقا تەييارلىق قىلدى. كۆپ جايلاردىن سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق، ئۇ يۇقىرى مائاش بىلەن سىچۇەندىن كەلگەن بىر ئۇستامنى تەكلىپ قىلدى، يەنە بىر نەچچە ئادەمنى تەكلىپ قىلدى، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۇستامدىن ئۆگەندى. ئۈچ ئايدىن كېيىن، تۇرسۇنجان 50 مىڭ يۈەنلىك تۇنجى زاكازنى تاپشۇرۇۋالدى. بارا - بارا ئەتراپتىكى ناھىيەلەردىنمۇ بەزىلەر ئۇنى ئىزدەپ خۇرۇم سافا زاكاز قىلدى. بازارنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئۇ ياۋروپاچە ئۇسلۇبتىكى سافا ياساشقا باشلىدى. ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىش تەس بولغانلىقتىن، ئۇ تاۋباۋدا زاكاز قىلغاندىن كېيىن، مال شىئەندىكى بىر قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى دۇكىنىدىن چىرىغا ئەۋەتىلدى.

سافا سودىسى بارغانسېرى ياخشى بولدى، بېزەكچىلىك شىركىتىنىڭ كەسپىدىمۇ زاكازلار كەينى - كەينىدىن كېلىشكە باشلىدى. تۇرسۇنجاننىڭ دېيىشىچە، ھازىر نۇرغۇن كىشى ئۆي بېزەشتە ئۇنى ئىزدەيدىكەن، چۈنكى ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ تىجارىتى بىرقەدەر قېلىپلاشقان بولۇپ، ھەربىر كەسىپتە توختام ئىمزالايدىكەن. «تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە قانۇن ئۆگەنگەندىن كېيىن توختام ئىمزالاشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، سودىنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئاندىن بىلدىم، خىزمەت ئۈنۈمىمۇ خېلى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى».

تۇرسۇنجان كۆز ئالدىدىكى بۇ ئىشلارنى بىر يىل ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.

كىشىلىك ھاياتىنى قايتىدىن ئويلىشىش

تۇرسۇنجان ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئۈچۈن، بىر مەزگىل ئۆزىنى بېكىندۈرۈپ، سودا - تىجارىتىمۇ ناھايىتى قىيىنلاشقان. بېزەكچىلىك قىلىش جەريانىدا، بىر قىسىم خېرىدارلار توردىن سېتىۋالغان مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، ئۇ مەھسۇلاتلارنى «مۇسۇلمانچە ئەمەس» دەپ، ھەرخىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ رەت قىلغان. ئەھۋال ئېغىرلىشىپ، كەنت كادىرلىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلغاندا، ئۇ ھەتتا ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىغان. «شۇ چاغدا مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى <كاپىر>، ئۇلار بىلەن جىق ئۇچراشسام، دوزاخقا كىرىمەن دەپ قارىدىم، شۇڭا كەنت تەشكىللىگەن كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە پەقەتلا قاتناشمىدىم» دېدى ئۇ.

تۇرسۇنجاننىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى 2013 - يىلىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ئەينى چاغدا بىرەيلەن ئۇنىڭغا QQ ئارقىلىق بىر ئۇلانمىنى ئەۋەتكەن، «مەزمۇنىدا <ھەقىقىي مۇسۇلمان>نىڭ نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى، نېمىلەرنى قىلماسلىقى كېرەكلىكى دېيىلگەن.» تۇرسۇنجان مۇنداق دېدى: دەسلىپىدە دىققەت قىلماپتىمەن، كېيىن ئارىلاپ - ئارىلاپ بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالدىم، ھەممىسى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلغان مەزمۇنلار ئىكەن. «كۆپ كۆرگەندىن كېيىن بارا - بارا ئاشۇ مەزمۇنلار توغرىدەك، مەن شۇ بويىچە قىلىشىم كېرەكتەك ھېس قىلدىم».

شۇنىڭدىن كېيىن، تۇرسۇنجان ئۆزگىرىپ تاماكا تاشلىغان، ھاراق تاشلىغان، خوتۇنىدىن سىرتقا چىققاندا چوقۇم نىقابلىق كىيىم كىيىشنى تەلەپ قىلغان، ئۇ ھەتتا خوتۇنىنىڭ بارلىق گىرىم بۇيۇملىرىنى تاشلىۋەتكەن. تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتكىنى شۇكى، ئۇ دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى «كاپىر» دەپ قاراپ، بارا - بارا بەزى سودا ھەمراھلىرى بىلەن بېرىش - كېلىش قىلمىغان.

«مەن شۇ چاغدا بەك مەنمەنچى بولۇپ كەتكەنىدىم، ھېچكىمنىڭ نەسىھەتىنى ئاڭلىمايتتىم، ھەتتا ئۇلارنى تىللايتتىم.» تۇرسۇنجان مۇنداق دېدى: كېيىن سودام بارغانسېرى ناچارلىشىپلا قالماي، ئاستا - ئاستا دوستلىرىممۇ قالمىدى.

دادىسى تۇرسۇنجاندىن ناھايىتى ئەنسىرىگەن، ئۇدا نەچچە كېچە ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي سىردىشىپ، ئۇنى چىرا ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە قاتنىشىشقا دەۋەت قىلغان. تۇرسۇنجان سىناپ بېقىش ئويى بىلەن دادىسىنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلغان. «تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بارغاندىن كېيىن، مەن دۇنيايىمنىڭ يورۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم» دېدى تۇرسۇنجان.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت قاتارلىقلارنى ئۆگىنىش ئارقىلىق تۇرسۇنجان مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈمنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىمنى، ئىلگىرى توغرا دەپ قارىغان ئاشۇ مەزمۇنلارنىڭ پەقەت يامان غەرەزدىكى كىشىلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي تونۇپ يەتتىم».

دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تۇرسۇنجان كىشىلىك ھاياتى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىشقا باشلىغان. «مەن يارنىڭ لېۋىگە كېلىپ قالغاندا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى قۇتقۇزۇۋالدى».

مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بولۇش

يېقىنقى بىر مەزگىلدە تۇرسۇنجان ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، چۈنكى بېزەكچىلىك شىركىتىنىڭ سودىسى بەك ياخشى بولغاچقا، 12 ئىشچى - خىزمەتچىسى، سەككىز شاگىرتى بىلەنمۇ يېتىشەلمەي، بېزەكچىلىك تېخنىكىسىنى بىلىدىغان خادىملارنى جىددىي تەكلىپ قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولدى. لېكىن تەكلىپ قىلىش ئېلانى بېرىلىپ يېرىم ئاي بولغان بولسىمۇ، تېخىچە مۇۋاپىق ئادەم چىقمىدى. زاۋۇت خۇرۇم سافا ياساش زاكازلىرىنى داۋاملىق قوبۇل قىلىشقا پېتىنالمىدى، ھازىرقى تۆت ئىشچى - خىزمەتچى پەقەتلا يېتىشەلمەي قالغانىدى.

چىرا ناھىيەسىنىڭ دېھقانلارنى تېخنىكا جەھەتتە تەربىيەلەشكە تەشكىللىگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تۇرسۇنجان تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تىزىملاتتى. «مەن بېزەكچىلىك تېخنىكىسىنى بىلىمەن، يەنە سافا ياساشنىمۇ بىلىمەن، مېنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تېخنىكا ئۆگەتكۈم بار» دېدى تۇرسۇنجان تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا. تەجرىبىسى مول بولغاچقا، تۇرسۇنجان يۈزتۇرا ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، بىر ئوقۇتقۇچىغا ئايلاندى. ھەر كۈنى ئالتە سائەت دەرس بار بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇن ئىككى سائەت نەزەرىيە دەرسى، چۈشتىن كېيىن تۆت سائەت ئەمەلىيەت مەشىقى دەرسى ئۆتۈلەتتى. ئۇ ھەر كۈنى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى دۇكىنى، بېزەكچىلىك شىركىتى ۋە تەربىيەلەش مەكتىپىدىن ئىبارەت ئۈچ جايغا قاترايتتى، «پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدا تۈگىمەس كۈچ باردەك ھېس قىلىمەن» دېدى تۇرسۇنجان.

نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن، تۇرسۇنجان سافا ياساش زاۋۇتىنى تەربىيەلەش مەكتىپىگە كۆچۈرۈپ كېلىپ، بىر تەرەپتىن دېھقانلارغا تېخنىكا ئۆگەتكەچ، بىر تەرەپتىن سافا ياساپ، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇشنىڭ ھېچقايسىسىغا دەخلى يەتكۈزمىدى.

ئەمەلىيەتتە، تۇرسۇنجاننىڭ «شەخسىي غەرىزى» بار ئىدى، ئوقۇتۇش جەريانىدا، ئۇ تېخنىكىسى ياخشى، ئىشقا تېزلا كىرىشكەن بىر قىسىم دېھقانلارنى بايقاپ، ئالدىن خىزمەت ئىشلەپ، يۇقىرى ئىش ھەققى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قارشى تەرەپنىڭ تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ شىركىتىگە بېرىپ ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلدى. «ھازىر تۆت - بەش ئادەم تاپتىم» دېدى تۇرسۇنجان.

ئىگىلىنىشىچە، تەربىيەلەشكە قاتناشقان دېھقانلار چىرا ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا - بازارلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تېخنىكىسى يوق ئىكەن، يەرلىك ھۆكۈمەت دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ كەنت ئاھالىلىرىنى تېخنىكا جەھەتتە تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا تەشكىللىگەن.

«ئەسلىدە كۈنلىرىمنى ياخشى ئۆتكۈزسەملا بولدى دەپ قارايتتىم، تەلىم - تەربىيە مەركىزى مېنى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.» تۇرسۇنجان مۇنداق دېدى: ھەربىر ئادەم چامىنىڭ يېتىشىچە دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك. مەن سودىنى بارغانسېرى زورايتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.