تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ئاق يولۋاس تۇەنىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان ئۇرۇش قەھرىمانى ياڭ يۈسەي

ياڭ يۈسەينىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىئەن، 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى خاۋ) جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي مۇزېيىدا، جەنۇبىي چاۋشيەن پايتەخت شىسى «ئاق يولۋاس تۇەنى»نىڭ تۇەن بايرىقى جۇڭگو خەلق پىدائىي ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىغا گۇۋاھ بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھېكايە ھازىرقى زامان جىڭجۈ تىياتىرى «ئاق يولۋاس تۇەنىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش» ۋە كىنو «ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش» قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلەندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى باش قەھرىمان «يەن ۋېيسەي»نىڭ ئەسلىي پىروتىپى جۇڭگو خەلق پىدائىي ئارمىيەسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك ئۇرۇش قەھرىمانى ياڭ يۈسەي ئىدى.

ياڭ يۈسەي، 1926 - يىلى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ميەنشيەن ناھىيەسى دىڭجۈنشەن بازىرى ياڭجياشەن كەنتىدىكى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1949 - يىلى 4 - ئايدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قاتناشقان، 1950 - يىلى 5 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1951 - يىلى 6 - ئايدا جۇڭگو خەلق پىدائىي ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇش قىلغان. ياڭ يۈسەي ناھايىتى تېزلا بىر ئاددىي جەڭچىدىن رازۋېدكا پېيىنىڭ مۇئاۋىن پەيجاڭى بولۇپ يېتىلگەن، ئۇ زېرەك، باتۇر بولغاچقا، سەپداشلىرى ئۇنى سەمىمىي ھالدا «يەلتاپان»، «كۈچتۈڭگۈر پالۋان»، «كىچىك جۇگې» دەپ ئاتىغان.

1953 - يىلى 7 - ئايدا جىنچېڭ ئۇرۇشى پارتلاپ، ياڭ يۈسەي بۇيرۇققا بىنائەن كىچىك شۆبە ئەترەتنى باشلاپ «يولۋاسنىڭ چىشىنى سۇغىرىش» − جەنۇبىي چاۋشيەن ئارمىيەسىنىڭ سەرخىل قىسىمى بولغان پايتەخت شىسى 1 - تۇەنى «ئاق يولۋاس تۇەنى»نىڭ تۇەن ئىشتابىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى. 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە، ئۇ «ئامېرىكا مەسلىھەتچىسى» قىياپىتىدە ياساندى، 12 رازۋېدكىچى «مەسلىھەتچى»نى قوغداپ ماڭغان دۈشمەن ئارمىيەسى قىياپىتىدە ياسىنىپ، دۈشمەنلەر ئارىسىغا ئىچكىرىلەپ كىردى. ئۇلار دۈشمەن ئارمىيەسىنىڭ قويۇق زەمبىرەك ئوقىغا قارىماي، رازۋېدكا لىنىيەسىنى بويلاپ دۈشمەن ئارمىيەسى تۇرۇشلۇق ئېگىزلىككە كىردى. ھەربىي يۈرۈش داۋامىدا، ياڭ يۈسەي يالغۇز قالغان دۈشمەن ئەسكىرىنى تۇتۇۋېلىپ، دۈشمەننىڭ ئالاقىلىشىش پارولىنى ئۇستىلىق بىلەن بىلىۋالدى ھەم دۈشمەننىڭ بىرنەچچە قاراۋۇلخانىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.

«ئاق يولۋاس تۇەنى»نىڭ تۇەن ئىشتابى تۇرۇشلۇق جايغا كىرگەندە، كىچىك شۆبە ئەترەتنى تاشيولدا توختاپ تۇرغان دۈشمەن ئارمىيەسى پايتەخت شىسى بىرونېۋىك تۇەنى 2 - يىڭىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى توسۇۋالدى. ياڭ يۈسەي كەسكىنلىك بىلەن ھۇجۇمغا قوماندانلىق قىلىپ، دۈشمەن ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تاشيولدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۇدۇل «ئاق يولۋاس تۇەنى»نىڭ تۇەن ئىشتابى تۇرۇشلۇق جاي ئېرچىڭدۇڭغا ھۇجۇم قىلدى. ياڭ يۈسەي كىچىك شۆبە ئەترەتنىڭ ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ جەڭ قىلىشىغا قوماندانلىق قىلىپ، دۈشمەننىڭ مۇھاپىزەتخانىسى، مەجلىسخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى، دۈشمەنلەر نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى، ئون نەچچە مىنۇتتىلا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۈشمەن بىرونېۋىك تۇەنىنىڭ تۈەنجاڭ دەرىجىلىكتىن تۆۋەن 97 ئادىمىنى ئۆلتۈردى، يارىلاندۇردى. دۈشمەن ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، شراپنېل زەمبىرەك يىڭىنىڭ مۇئاۋىن يىڭجاڭى قاتارلىق 19 كىشىنى ئەسىرگە ئېلىپ، لى چېڭۋەن ئۆز قولى بىلەن «ئاق يولۋاس تۇەنى»گە بەرگەن «غەلىبە» خەتلىك يولۋاس بېشى سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بايراقنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنداپ، جىنچېڭ قايتۇرما زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى.

1953 - يىلى 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، جۇڭگو خەلق پىدائىي ئارمىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى ياڭ يۈسەينى ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئالدى، 1954 - يىلى ئۇنىڭغا «1 - دەرىجىلىك ئۇرۇش قەھرىمانى» دەپ نام بەردى. چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق كېڭىشى دائىمىي كومىتېتى ياڭ يۈسەيگە «چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قەھرىمانى» دەپ نام ۋە ئالتۇن يۇلتۇز مېدالى، 1 - دەرىجىلىك دۆلەت بايرىقى ئوردېنى بەردى.

ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ياڭ يۈسەي جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدە ليەنجاڭ، يىڭجاڭ، مۇئاۋىن تۇەنجاڭ، شىنىڭ مۇئاۋىن سەنمۇجاڭى، مۇئاۋىن شىجاڭ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 9 -، 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 4 -، 5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولدى. دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، ياڭ يۈسەي ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەشتەك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى پائال ئۈستىگە ئېلىپ، نۇرغۇن مەكتەپنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى يېتەكچىسى ۋە ئەخلاق تەربىيەسى مەسلىھەتچىسى بولدى، ئۇنىڭ ئىنقىلابىي ئەنئەنە توغرىسىدىكى دوكلاتى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى، ئۇ شەندۇڭ ئۆلكىسى تەرىپىدىن مەنىۋى مەدەنىيلىكتىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالاندى. 1999 - يىلى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى بېيجىڭدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.

چىنبا تاغلىق رايونى، ياڭجياخې دەرياسى بويى، خۇتۇشەن تېغى ئالدىدا، ياڭ يۈسەينىڭ يۇرتىدا ھازىرغىچە ئۇنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى تارقالماقتا، ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى شۇ جايدىكى كادىرلار، ئاممىغا داۋاملىق كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى