تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

بۇرۇلتوقايدىكى قىشلىق بېلىق تۇتۇشتا 16.8 كىلوگىراملىق «سەركە بېلىق» كىم ئارتۇق قىلىندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىن ئىختىيارىي مۇخبىر يەن شاڭسۇڭ، لى شۆپىڭ خەۋىرى، فوتوسى): 1-ئاينىڭ 18-كۈنى بۇرۇلتۇقاي ناھىيەسى ئۇلۇڭگۇر كۆلىدە گەرچە تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا قاينام تاشقىنلىققا تولغان كەيپىيات ئەۋجىگە چىقىپ، 68 مىڭدىن ئارتۇق كىشى كۆل بويىغا جەم بولۇپ، ئېغىرلىقى 16.8 كىلوگرام كېلىدىغان «سەركە بېلىق»نىڭ شىنجاڭ شېڭكاڭ ۋيېيې قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىۋېلىنغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.

  «قىشلىق بېلىق تۇتۇش» ئالتاي ۋىلايىتى ئۇلۇڭگۈر كۆلىنىڭ ئەنئەنىۋى بېلىق تۇتۇش ئۇسۇلى بولۇپ، ھازىرغىچە 60 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە، شۇنىڭدەك بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىدىكى ئالاھىدە تۈرلەرنىڭ بىرى. ھەر يىلى قىشتا، شۇ جايدىكى بېلىقچىلار كۆل يۈزىگە يىغىلىپ، تور تاشلاپ، تۆشۈك ئېچىپ، تور تارتىپ، بېلىق چىقىرىدۇ ... ھەر يىلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى نەق مەيدانىدا ئادەمنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان ھالقا «سەركە بېلىقنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش»تىن ھالقىپ كەتمەيدۇ. ئەنئەنە بويىچە، تۇنجى توردا تارتىپ چىقىرىلغان ئەڭ ئېغىر كارپ بېلىقى «سەركە بېلىق» دەپ ئاتىلىدۇ، باشقا بېلىق تۈرلىرى ھەرقانچە قىممەتلىك بولسىمۇ، بۇنىڭدىن شەرەپكە ئىگە بولالمايدۇ. كىشىلەرنىڭ «سەركە بېلىق»نى تالىشىپ سېتىۋېلىشى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈندۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جەڭ
  • دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك
  • 【ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلايلى】 مېۋە-چېۋە ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىش