تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يولۇچى توشۇش پورتىدىكى «قوشكېزەك ئاچا–سىڭىللار»

1-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: «قايناقسۇغا ئېھتىياجى بار يولۇچىلار بارمۇ؟» چاغان يېقىنلىشىپ قالدى، جۇڭگو تۆمۈريول كېچىك كېمىسى لۈشۈن غەربىي ۋوگزالىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى ۋاڭ لىلى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا پاراخوت كۈتۈش زالىدىكى يولۇچىلارنى قىزغىنلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە قايناقسۇ يەتكۈزۈپ بەردى.

ۋاڭ لىلى بىلەن ئۇنىڭ قوشكېزەك ئاچىسى ۋاڭ جۈەنجۈەن جۇڭگو تۆمۈريول كېچىك كېمىسى لۈشۈن غەربىي ۋوگزالىنىڭ يولۇچى توشۇش خادىمى. ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەن خىزمەت ۋاقتىدا يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش، ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى بويىچە تىزىملاش، بېلەت تەكشۈرۈش، يولۇچىلارنى يېتەكلەش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى تاماملايدۇ. خىزمەت جاپالىق ھەم مۈشكۈل بولسىمۇ، ئۇلار باشتىن-ئاخىر ھەر بىر يولۇچىغا قىزغىن پوزىتسىيە ۋە تەبەسسۇم بىلەن يۈزلىنىدۇ.

2008- يىلى خىزمەتكە چۈشكەندىن بۇيان، ئاچا- سىڭىل ئىككىيلەن ئەزەلدىن يۇرتى خېنەنگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈپ باقمىدى، چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىنى كۆپ قېتىم خىزمەت ئورنىدا ئۆتكۈزدى. ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، يولۇچىلارنىڭ كېمىگە ئوڭۇشلۇق چىقىپ، ئۆيلىرىگە تىنچ-ئامان قايتقانلىقىنى كۆرگىنىدە، خۇددى ئۆزلىرى ئۆيگە قايتقاندەك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لوڭ لېي فوتوسى

1-ئاينىڭ 18-كۈنى، ۋاڭ لىلى (سولدا) بىلەن ئاچىسى ۋاڭ جۈەنجۈەن جۇڭگو تۆمۈريول كېچىك كېمىسى لۈشۈن غەربىي ۋوگزالىغا كېلىپ، خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا.

1-ئاينىڭ 18-كۈنى، ۋاڭ جۈەنجۈەن بېلەت تەكشۈرۈش ئېغىزىدا دورا ساندۇقىدىكى دورىلارنى سانىماقتا.

1-ئاينىڭ 18-كۈنى، ۋاڭ لىلى كېمە ساقلاۋاتقان بىر ياشانغان موماينى يۆلىمەكتە.

1-ئاينىڭ 18-كۈنى، ۋاڭ لىلى (ئوڭدا) ئاچىسى ۋاڭ جۈەنجۈەننىڭ فورمىسىنى تۈزەپ قويماقتا.

1-ئاينىڭ 18-كۈنى،ۋاڭ جۈەنجۈەن (سولدىن 2-كىشى) يولۇچىلارغا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملاش ئېلىپ بارماقتا.

1-ئاينىڭ 18-كۈنى، ۋاڭ لىلى ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن ئوغلى بىلەن قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشماقتا.

1-ئاينىڭ 18-كۈنى، ۋاڭ لىلى (ئوڭدىن 1-كىشى) يولۇچىلارنىڭ بېلىتىنى تەكشۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى