1- ئاينىڭ 19- كۈنى، بىر يولۇچى پويىزغا چىققاندىن كېيىن يان تېلېفون كۆرۈنمە چاستوتىسى ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە ئامانلىقىنى ئۇقتۇرماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ياڭ شو خەۋىرى، فوتوسى): يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان چاغانلىق يولۇچى توشۇش ۋاقتى كەلدى، ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا، بىر پارچە كىچىككىنە پويىز بېلىتى سىرتتىكىلەر بىلەن ئائىلىدىكىلەرنى باغلايدۇ. پويىز چوڭ - كىچىك سومكىلارنى يۈدۈپ چاغانلىق ئۆيىگە قايتقان كىشىلەر بىلەن لىق تولىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆيىگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈش ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى چىرايىدىلا ئەمەس، چامادان، تاغار، ھەتتا سۇلياۋ خالتىلاردىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدىغان بولۇپ، يۈك- تاقىلىرىغا سوۋغاتلار لىققىدە تولغانىدى.
1- ئاينىڭ 17- كۈنى، كۇچا ۋوگزالىدا يولۇچىلار يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ ۋوگزالغا كىرىپ پويىزغا چىقماقتا.
1- ئاينىڭ 19- كۈنى، يولۇچىلار خۇشال ھالدا K454-قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ يۇرتىغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزمەكچى.
1- ئاينىڭ 17- كۈنى، چېڭدۇدىن يولغا چىققان K452 -قېتىملىق پويىز ئاقسۇ ۋوگزالىغا كىردى، بىر يولۇچى پويىزدىن چۈشكەندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تېلېفونلاشتى، چىرايىدىن خۇشاللىققا چۆمگەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.