تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

چوڭقۇر تاغ تونېلىدىكى مۇز تازىلىغۇچىلار

  1- ئاينىڭ 18- كۈنى، چىڭخەي- شىزاڭ تۆمۈريول شىركىتى شىنىڭ ئىش ئۇچاستىكىسى خارغاي كۆۋرۈك تونېلى سېخىنىڭ ئىشچىلىرى داتۇڭ تېغى تونېلىدا مۇز پارچىلىرىنى چاقماقتا.

  خەلق تورى خەۋىرى: داتۇڭشەن تونېلى چىڭخەي ئۆلكىسى خەيبېي زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گاڭچا ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، چىڭخەي- شىزاڭ تۆمۈريولى تارماق لىنىيەسىنىڭ چايدار-مۇلى لىنىيەسى ئۈستىدىكى مۇھىم تونېل، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3700 مېتىردىن ئاشىدۇ. داتۇڭشەن تېغىنىڭ يەر ئاستى سۈيى مول بولغاچقا، قىش پەسلىدە تونېلدىكى سۇ چىقىرىۋېتىش ئېرىقى مۇز تۇتۇپ كېتىدۇ، تېشىپ چىققان سۇ دائىم رېلىس ۋە يېقىن ئەتراپتا مۇز تۇتۇۋالىدۇ، مۇز ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار يول يۈزىنىڭ ئېگىزلىكى 40 مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، پويىزنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. چايدار-مۇلى لىنىيەسىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چىڭخەي- شىزاڭ تۆمۈريول شىركىتى شىنىڭ ئىش ئوچاستىكىسى خارغاي كۆۋرۈك تونېلى سېخىدىكى 23 ئىشچىنىڭ ھەممىسى ھەر ھەپتىدە بۇ يەرگە كېلىپ مۇز تازىلايدۇ. ئىشچىلار ئادەتتە سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا ئىش رايونىدىن يولغا چىقىدۇ، قىش پەسلىدە تاغ ئارىسىغا قار يىغىلىۋالىدىغان، يوللار ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولغاچقا، 4 - 5 سائەتتە ئاندىن ئىش ئورنىغا بارالايدۇ.

  ئىشچىلار پويىز قاتنىمىغان ئەھۋالدىكى مۇز تازىلاش مەشغۇلاتىنىڭ «كۆزنەك مەزگىلى»دىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، تونېلدا بىر مىنۇتمۇ دەم ئالماي، نۆلدىن تۆۋەن ئون نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا قارىماي جىددىي ئىشلەيدۇ. چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولغاندا، چىلىغان كۆكتات، ھورنان، تەييار چۆپ قاتارلىقلارنى خالىغانچە يەپ قورسىقىنى تويغۇزىدۇ. مۇز يېرىش، مۇز توشۇش، تۇز چېچىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇرەككەپ ھەم جاپالىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشچىلارنىڭ پەلىيى مۇز پارچىسى بىلەن توختىماي ئۇچرىشىپ تۇرغاچقا سوغۇق سۇدا ھۆل بولۇپ كېتىدۇ. بىر كۈنلۈك جىددىي خىزمەتتىن كېيىن، كۆپچىلىك ئالدىراپ-تېنەپ مۇز تازىلاش سايمانلىرىنى ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ، ئوڭغۇل - دوڭغۇل يولدا 4 - 5 سائەت يول يۈرۈپ تۇرۇشلۇق جايىغا قايتىدۇ. ئېگىزلىكنىڭ قىش پەسلى ئۇزۇن ھەم سوغۇق، ئەمما ئۇلار پويىزنىڭ بىخەتەر قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قاراڭغۇ، سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل تونېللارغا قايتا-قايتا كىرىپ، گۈرجەك، بولقىلىرى بىلەن مۇز پارچىلىرىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لۇڭ فوتوسى.

  1- ئاينىڭ 18- كۈنى، چىڭخەي- شىزاڭ تۆمۈريول شىركىتى شىنىڭ ئىش ئۇچاستىكىسى خارغاي كۆۋرۈك تونېلى سېخىنىڭ ئىشچىلىرى داتۇڭ تېغى تونېلىدا مۇز تازىلىماقتا.

  1- ئاينىڭ 18- كۈنى، چىڭخەي- شىزاڭ تۆمۈريول شىركىتى شىنىڭ ئىش ئۇچاستىكىسى خارغاي كۆۋرۈك تونېلى سېخىنىڭ ئىشچىلىرى داتۇڭ تېغى تونېلى سىرتىدا ھۆل بولۇپ كەتكەن پەلەيلىرىنى سىقماقتا.

  1- ئاينىڭ 18- كۈنى، چىڭخەي- شىزاڭ تۆمۈريول شىركىتى شىنىڭ ئىش ئۇچاستىكىسى خارغاي كۆۋرۈك تونېلى سېخىنىڭ ئىشچىلىرى داتۇڭ تېغى تونېلى سىرتىغا مۇز پارچىلىرىنى توشۇماقتا.

  1- ئاينىڭ 18- كۈنى، چىڭخەي- شىزاڭ تۆمۈريول شىركىتى شىنىڭ ئىش ئۇچاستىكىسى خارغاي كۆۋرۈك تونېلى سېخىنىڭ ئىشچىلىرى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ داتۇڭشەن تېغىغا قاراپ ماڭماقتا.

  1- ئاينىڭ 18- كۈنى، چىڭخەي- شىزاڭ تۆمۈريول شىركىتى شىنىڭ ئىش ئۇچاستىكىسى خارغاي كۆۋرۈك تونېلى سېخىنىڭ ئىشچىلىرى داتۇڭ تېغى تونېلىدا مۇزلارنى پارچىلاپ خالتىغا سالماقتا.

  1- ئاينىڭ 18- كۈنى، چىڭخەي- شىزاڭ تۆمۈريول شىركىتى شىنىڭ ئىش ئۇچاستىكىسى خارغاي كۆۋرۈك تونېلى سېخىنىڭ ئىشچىلىرى داتۇڭ تېغى تونېلىدا قول چىراغ بىلەن مۇز ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار يوللارنى تەكشۈرمەكتە.

  1- ئاينىڭ 18- كۈنى، چىڭخەي- شىزاڭ تۆمۈريول شىركىتى شىنىڭ ئىش ئۇچاستىكىسى خارغاي كۆۋرۈك تونېلى سېخىنىڭ ئىشچىلىرى مۇز تازىلاش سايمانلىرىنى ئېلىپ داتۇڭشەن تېغى تونېلىغا خىزمەتكە ماڭماقتا.

  1- ئاينىڭ 18- كۈنى، چىڭخەي- شىزاڭ تۆمۈريول شىركىتى شىنىڭ ئىش ئۇچاستىكىسى خارغاي كۆۋرۈك تونېلى سېخىنىڭ ئىشچىلىرى داتۇڭ تېغى تونېلى سىرتىدا تاماق يېمەكتە.

  1- ئاينىڭ 18- كۈنى، چىڭخەي- شىزاڭ تۆمۈريول شىركىتى شىنىڭ ئىش ئۇچاستىكىسى خارغاي كۆۋرۈك تونېلى سېخىنىڭ ئىشچىلىرى داتۇڭ تېغى تونېلىدا مۇز ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار يوللارنى تەكشۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى