تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خې يۇڭشيەن خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 7دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا توڭ- تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، شۇ كۈنى سائەت 13تىن 30 مىنۇتقىچە، ئاۋىياتسىيە بىناسىدا تۇرۇپ قالغان يولۇچى 4000دىن ئېشىپ كەتتى.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئۇچۇشقا قوماندانلىق قىلىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 11:03 ئۆتكەندە ئايروپورت كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولغان شارائىتتا يۈرۈش سىستېمىسىنى قوزغاتقان، سائەت 11دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، ئايروپىلانلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە كېچىكىش ئەھۋالىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى قوزغاتقان، سائەت 12دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە ھاۋا ياخشىلىنىشىقا باشلاپ، كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولغان شارائىتتا يۈرۈش سىستېمىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
سائەت 12دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇش پىلانلانغان نۆۋەتچى ئايروپىلان 248 بولۇپ، 47 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى ئىجرا قىلىنغان، 92 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى كېچىكتۈرۈلگەن، 12 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان؛ پۈتۈن كۈن 250 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئايرودرومغا قونۇشى پىلانلانغان بولۇپ، 12 نۆۋەتچى ئايروپىلان قونغان، 4 نۆۋەتچى ئايروپىلان قونۇشقا تەييارلانغان، بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان قايتىپ كەتكەن، 13 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قونۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ترانسپورت باشقۇرۇش كومىتېتى سائەت 9دا يۈرۈشتۈرۈش- ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ھەر قايسى شىركەتلەردىن كېچىكتۈرگەنلىك ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ توشۇش كۈچىنى تەڭشەشنى تەلەپ قىلغان. ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ھەر قايسى كاپالەت ئورۇنلىرىدىكى زاپاس خادىملارنىڭ ھەممىسى ئۆز خىزمەت ئورنىغا كېلىپ، مېتېئورولوگىيە ئۇچۇرىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ھەرىكەت ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، يەر يۈزىدىكى كاپالەت، رەتكە تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھاۋا ياخشىلانغاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە ياخشى تەييارلىق قىلغان.
بۇنىڭدىن باشقا، كورلا ئايرودرومى ئۇچۇش يولىدا مۇز تۇتقانلىقتىن ۋاقتىنچە تاقالغان.
سەپەرگە چىقماقچى بولغان يولۇچىلارنىڭ ھەر ۋاقىت نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز.