خەلق تورى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى (خاۋ شۇەي): 1-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلىلىك CBA دائىمىي مۇسابىقىسىنىڭ 29-ئايلانمىسىدا، لياۋنىڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شىنجاڭ كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. ئاخىرىدا، شىنجاڭ كوماندىسى 111:114 نەتىجە بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسىنى يەڭدى.
مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن كىلارك 34 نومۇر، گاردىن قايتقان 8 توپ ئېلىپ، 13 قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، جوۋ چى 20 نومۇر، گاردىن قايتقان 12 توپ ئالدى، شىرئەلىجان 20 نومۇر ئالدى، ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن 7نى ئېتىپ، 5نى كىرگۈزدى، قىرانبېك 11 نومۇر، تاڭ سەييۈ 10 نومۇر ئالدى. لياۋنىڭ كوماندىسىدىن سىتېفېنسون 31 نومۇر ۋە گاردىن قايتقان 7 توپ، باس 22 نومۇر، خەن دېجۈن 20 نومۇر، گاردىن قايتقان 11 توپ، جاۋ جىۋېي 10 نومۇر، گاردىن قايتقان 5 توپ، گاۋ شىيەن 14 نومۇر، گاردىن قايتقان 4 توپ ئالدى.
ئىككى كوماندىنىڭ ئاساسلىق ماھىر سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشكەن ئەزالىرى:
شىنجاڭ كوماندىسى: جوۋ چى، فەن زىمىڭ، كىلارك، تاڭ سەييۈ، قىرانبېك
لياۋنىڭ كوماندىسى: خەن دېجۈن، لى شياۋشۈ، جاۋ جىۋېي، گاۋ شىيەن، سىتېفېنسون