تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بىرمىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

شۇ جاي ۋاقتى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نېيبىدۇدا بىرمىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجى بىلەن رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نېيبىدۇ، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن جى، چاڭ ئەيلىڭ، لۈ چۇەنجۇڭ) شۇ جاي ۋاقتى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نېيبىدۇدا بىرمىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجى بىلەن رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى چوڭقۇر. ھازىر جۇڭگو بىلەن بىرما ئوخشاشلا دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كەلدى. بۇ قېتىم بىز جۇڭگو - بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى قارار قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتۇق. بىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - بىرما مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

بىرىنچى، تەرەققىياتنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد كارىدورىنى ياخشى قۇرۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو - بىرما ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - بىرما ئىقتىساد كارىدورىنىڭ ماھىيەتلىك قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى، بولۇپمۇ بىرما خەلقىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېز ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچى، دىققەتنى باشلامچى تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاقىنى تۇتاشتۇرۇش - ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككى تەرەپ جياۋ پياۋ تۈرىنىڭ جۇڭگو - بىرما ئىقتىساد كارىدورىدىكى ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو - بىرما چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى ۋە ياڭگۇاڭ يېڭى شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق ئىقتىساد كارىدورىنىڭ شىمال، شەرق، غەرب ئۈچ تەرەپ تىرەك بولىدىغان ئومۇمىي گەۋدە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ تاشيول، تۆمۈريول، ئېلېكتىر تورى قاتارلىق ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تۈرلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كارىدورنى تۇتاشتۇرىدىغان رامكا تورىنى تېز شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

ئۈچىنچى، سودا سېلىنمىسىنى كېڭەيتىپ، يەرلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو بىرما بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتا باشتىن - ئاخىر توغرا ھەققانىيەت - مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ بىرما تەرەپنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان ئېكسپورتنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بىرمىغا مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، بىرما تەرەپ بىلەن پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - بىرما ئىقتىساد كارىدورىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى يۈننەندىن بىرمىغا كىرىش رايون ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۈننەن قاتارلىق جۇڭگونىڭ يەرلىك ئۆلكىلىرىنىڭ بىرما تەرەپ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

تۆتىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ۋە جۇڭگو - بىرما مەدەنىيەت - ساياھەت يىلىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، قېرىنداشلارچە دوستلۇقنى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش جەريانىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - بىرما ئىقتىساد كارىدورى لىنىيەسى بويىدىكى خەلق تۇرمۇشى، خەۋپسىزلىك ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، بىرمىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاساسىي قاتلام خەلق ئاممىسىنى بالدۇرراق ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك.

ئاڭشەن سۇجى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىرمىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرما تەرەپ بىرما - جۇڭگو دوستلۇقىنى يۈكسەك دەرىجىدە قەدىرلەيدۇ، جۇڭگونىڭ داۋاملىق ياخشى دوستى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، نەتىجىسى مول بولدى، بۇ، بىرما بىلەن جۇڭگونىڭ قېرىنداشلىق مېھرىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىرما تەرەپ بىرما - جۇڭگو ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جياۋ پياۋ تۈرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتناش، ئېنېرگىيە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئادىمىيەت، چېگرا، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. بىرما تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، بىرما - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

ئاڭشەن سۇجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرما - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا قوللاش. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو ئىككى تەرەپ ۋە خەلقئارا قاتلامدا بىرما تەرەپكە قارىتا قىممەتلىك چۈشىنىش ۋە قوللاشتا بولدى، بۇنى بىرما خەلقى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ. جۇڭگونىڭ قوللىشى شەخسىي مەنپەئەتنى چىقىش قىلمىغان، بەلكى ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان، بۇ، بىرمىغا ئوخشاش بۇنداق كىچىك دۆلەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن قىممەتلىك. ھازىر، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق قاتارلىق مەسىلىلەر تېخى تۈپتىن ھەل قىلىنمىدى، بەزى دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق، مىللەت، دىن مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىۋاتىدۇ، لېكىن بىرما بۇنداق بېسىم ئىشلىتىش ۋە ئارىلىشىشنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا سورۇنلاردا بىرما قاتارلىق ئوتتۇراھال، كىچىك دۆلەتلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئادالەتنى ياقلاپ، بىرمىنىڭ ئىچكى تىنچلىق مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئات ئۇزۇن يولدا سىنىلار، ھەقىقىي دوست باشقا كۈن چۈشكەندە. جۇڭگو بىرما تەرەپنىڭ ئىشىنىشىگە ئەرزىيدىغان ياخشى دوستى. جۇڭگو بىلەن بىرما تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىدە ئۈلگە تىكلەپلا قالماي، يەنە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تارىخىي تۆھپە قوشتى. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرىدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقتا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە خەلقئارادا بىرما تەرەپ ئۈچۈن ھەق گەپ قىلىپ، بىرما تەرەپنىڭ دۆلىتىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرما تەرەپنىڭ ئىچكى تىنچلىق مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، مىللىي يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەت نۇسخىلىرىنى ئالماشتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى، بۇ، سىياسىي، ئىقتىساد - سودا، سېلىنما، ئادىمىيەت، يەرلىك قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەگە چېتىلىدۇ.

شۇ كۈنى، جۇڭگو - بىرما ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرما فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشمە باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.