تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆچكەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خۇشاللىقى كۆپ

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن چىنيەن

«مەن تۇغۇلغاندىن باشلاپلا مۇشۇ كىچىك تاغلىق كەنتتە تۇرۇپ كەلگەن، بۇ ئۆمرۈمدە بۇنداق ياخشى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.» 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، بۇلتۇر يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن تۇرسۇنمامۇت ئەمەتنىياز بوۋاي قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئاقتاش تەۋەلىك رايونى دېيىلىدۇ)غا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى تىلغا ئېلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدى، «بۇ يەردە ھەر كۈنى ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ھەر كۈنى ئىلگىرىلەش بولۇۋاتىدۇ».

قىش كېلىپ، قەھرىتان سوغۇق بولۇۋاتقان بولسىمۇ، كوئېنلۇن تېغىنىڭ باغرىدىكى ئاقتاش تەۋەلىك رايونىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

«بالام ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، شارائىتىمىز بەك ياخشى، ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ» دېدى ئاقتاش تەۋەلىك رايونىدىكى كەنت ئاھالىسى ھەبىبۇللا ئىگەمبەردى.

ھەبىبۇللا ئائىلىسى ئىلگىرى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى ئىگىزيا كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ، پۈتۈن ئائىلىدىكى بەش جان 2018 - يىلى 10 - ئايدا 82.5 كىۋادرات مېتىرلىق بۇ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپتۇ، ئۆيدە تەبىئىي گاز، توكلۇق پار، سۇ - توك، ئۆي جاھازلىرى تەل ئىكەن.

«يېڭى ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئالغاندىن كېيىن، مەن ھاياجانلانغىنىمدىن كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم» دېدى ھەبىبۇللا ئەسلەپ.

كۆچۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، ئاقتاش تەۋەلىك رايونىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كىچىك تاغلىق كەنتتە تۇراتتىكەن، ئىچىدىغان سۇنى توشۇپ ئەكېلەتتىكەن، تۇرمۇشتا تەبىئەتكە تايىناتتىكەن. تۇرالغۇ ئۆيلەر دەريانى بويلاپ، تاغقا يانداش سېلىنغان بولغاچقا، ھەر يىلى 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە كەلكۈن ۋە لاي - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى كۆپ يۈزبېرىپ، ئۆيلەرنى ۋەيران قىلىۋېتەتتىكەن، ئېتىزلارنى يالاپ كېتەتتىكەن...

«بىر يەرنىڭ سۇ، تۇپرىقى شۇ يەردىكى كىشىلەرنى باقالماسلىق» مەسىلىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2016 - يىلىدىن باشلاپ، قاغىلىق ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئاقتاش نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپتۇ.

نۆۋەتتە، ئاقتاش تەۋەلىك رايونىغا كۆكيار يېزىسى، چوپان يېزىسى، ئۇششاقباش بازىرىدىكى 3063 ئائىلىلىك 13 مىڭ 395 ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئالتە كەنت ئاھالە كومىتېتى قۇرۇلدى، يەسلى، شىپاخانا، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، كەنت ئاھالىلىرى پائالىيەت مەركىزى ۋە گۈللۈك مەيدان قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى يېڭىدىن قۇرۇلۇپتۇ.

قاغىلىق ناھىيەسى «كۆچۈپ چىقالايدىغان، تۇرۇپ قالىدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان، كاپالەتكە ئىگە بولۇش» تەلىپى بويىچە، ئاقتاش تەۋەلىك رايونىدا كەسىپلەرنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپتۇ. كۆچۈرۈلگەن ئائىلىلەرنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېڭىدىن سانائەت باغچە رايونى قۇرۇپتۇ، 22 زاۋۇت بىناسىغا شىنئاۋتا ئاياغچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جىنرۈيكاڭ ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ۋېييىفېڭ كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق يەتتە كارخانا ماكانلىشىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 2050 نامرات كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.

ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئاسىمگۈل ئەبەيدۇللا 2018 - يىلى ئۇششاقباش بازىرى يۇقىرىقى مەھەللە كەنتىدىن كۆچۈپ كەلگەنىكەن. باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ پەلەي زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلەپتۇ، ھازىر ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىكەن، ئېرى يېقىن ئەتراپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا تىجارەت قىلىپ ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىكەن، ئۈچ بالىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ناھىيە بازىرى ۋە ئاقتاش تەۋەلىك رايونىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن، بىر ئائىلە كىشىلىرى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپتۇ.

تېرىقچىلىققا باب كەلسە تېرىقچىلىق قىلىش، باقمىچىلىققا باب كەلسە باقمىچىلىق قىلىش، سانائەتكە باب كەلسە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىش پىرىنسىپى بويىچە، سانائەت باغچە رايونىدا بىر تۈركۈمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىدا، ئاقتاش تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى چارۋا باقمىچىلىقىدا بىر تۈركۈمنى ھەل قىلىش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقىدا بىر تۈركۈمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورمان مۇھاپىزەتچىلىكىگە بىر تۈركۈمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىدا بىر تۈركۈمنى ھەل قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، يەنە 3250 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ كۆچۈرۈلگەن ئاممىدىن بىر ئائىلىدە كۆپ ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ.

ئىلگىرى چەت، يىراق تاغلىق رايوندا تۇرۇۋاتقان نامرات ئامما بۈگۈنكى كۈندە تاغ ئىچىدىن چىقىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى