تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بىر پارتىيە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى خەلق رايىنى مايىل قىلىش - قىلالماسلىققا باغلىق. خەلق ئاممىسى نېمىگە قارشى تۇرسا، نېمىدىن نەپرەتلەنسە، بىز شۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە شۇنى تۈزىتىشىمىز كېرەك.

«بىز ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىكنى قەتئىي جازالاپ، ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزەپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان پاسسىپ ئامىللارنى قەتئىي تۈگىتىپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان، خەلققە تايىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان تۈرلۈك تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇردۇق»، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، «<يولۋاس>نىمۇ، <چىۋىن>نىمۇ تەڭ يوقىتىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، نەپسىنى يىغماسلىق، قولىنى تارتماسلىقتەك ئىنتىزامغا خىلاپ، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش» «پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، «قاتتىق» بولۇشنىڭ ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

خەلق پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئەڭ زور ئىشەنچ، خەلقتىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلماسلىق پارتىيەمىزنىڭ غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. خەلق ئاممىسى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىلدىن ئەڭ نەپرەتلىنىدۇ، ئەگەر چىرىكلىكنىڭ يامرىشى مەيلىگە قويۇپ بېرىلسە، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاممىۋى ئاساسى يوقىتىپ قويۇلىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلق ھوقۇقنى بىزگە تاپشۇرغان ئىكەن، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىشىمىز، رەنجىتىشكە تېگىشلىك ئادەملەرنى رەنجىتىشىمىز كېرەك» «بۇ، ناھايىتى چۈشىنىشلىك سىياسىي ھېسابات، خەلق رايىنى مايىل قىلىش - قىلالماسلىق ھېساباتى». پەقەت چىرىكلىكنى قەتئىي جازالاپ، ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزەپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان پاسسىپ ئامىللارنى قەتئىي تۈگەتكەندىلا، ئاندىن ياخشى ئىستىل ۋە قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز تۈزۈمگە تايىنىپ، قانۇنچىللىققا تايىنىپ چىرىكلىككە قارشى تۇردى، سالماق چوڭ، نەتىجە - ئۈنۈم زور بولدى، بۇ، جۇڭگو تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان، دۇنيا تارىخىدىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش تۈزۈم قەپىسىنى بارغانسېرى مۇستەھكەملىدى؛ قاتتىق بولۇشنى دائىملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، «تۆت خىل ھالەت»تىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئالدىنقىنى جازالاپ، كېيىنكىگە ئىبرەت بېرىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، توسۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، يۇقىرى بېسىمنى كۈچەيتىش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارا ئېلىش - پارا بېرىشنى بىللە تەكشۈرۈش، «يولۋاس»نىمۇ، «چىۋىن»نىمۇ تەڭ يوقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، نەپسىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان رەھبىرىي كادىرلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇقنى قەتئىي تۈزىدى، چەت ئەلگە قېچىپ كېتىپ يوشۇرۇنۇۋالغان چىرىك ئۇنسۇرلارنى قەتئىي قايتۇرۇپ كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىنى ئۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيەمىز 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتتە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى. ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش ئۈچۈن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. بىز چىرىتىش ۋە چىرىتىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ جىددىيلىكى، مۇرەككەپلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۈشكۈللۈكىنى تونۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنى تۈزەش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان نەپسىنى يىغماي، قولىنى تارتماي، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشقا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، قاتتىق جازالاش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش ئارقىلىق تۈزۈمنىڭ قاتتىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتقان تۈزۈم سىستېمىسى، قاتتىق، ئۈنۈملۈك بولغان نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

«جاھاننى قانداق قىلغاندا ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ؟ خەلق رايىنى قولغا كەلتۈرۈش كۇپايە! جاھان قانداق قالايمىقان بولىدۇ؟ خەلق رايىدىن ئايرىلىپ قېلىش سەۋەب بولىدۇ!» خەلق رايى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ھەققانىيەت ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى بوشاشتۇرماسلىق، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش قەدىمىنى توختاتماسلىق، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، رەزىللىكنى جازالاشتا يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئاممىنى كۆزلەش، ئاممىغا ئىشىنىش، ئاممىغا تايىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، بىز چوقۇم خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشىنىشى ۋە ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك جەمئىيەت ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىيەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى