شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6–شى بېيتاشەن چارۋىچىلىق مەيدانى جۇڭگو-موڭغۇلىيە چېگراسىغا جايلاشقان بولۇپ، ۋۇجياچۈ شەھىرىگە 400 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، گۇچۇڭ ناھىيەسى بىلەن ئەڭ يېقىن ئارىلىقى 220 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ جاي 6-شى ۋۇجياچۈ شەھىرىدىكى ئەڭ چەت، يىراق تۇەن-چاڭ ھېسابلىنىدۇ. بېيتاشەن چارۋىچىلىق مەيدانىدا مۇنداق ئۈچ جۈملە سۆز تارقىلىپ كەلگەن: بۇ يەردە تاغ بار، دەرەخ يوق؛ جىلغا بار، سۇ يوق؛ يەر بار، ئوت–چۆپ يوق.
مانا مۇشۇنداق بىر جايدا بېيتاشەن چارۋىچىلىق مەيدانى مالىيە پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى جاڭ جاۋجۈن بىر تۇرۇشىدا 13 يىلنى ئۆتكۈزگەن.
13 يىلدىن بۇيان، جاڭ جاۋجۈن ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسپىنى قەدىرلەشتەك يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش غەيرىتى، تىرىشچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھى بىلەن، ئاساسىي قاتلام مالىيە ئىش ئورنىدا ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ كەلدى، ئۇ بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ جاراڭلىق قەسىمىنى چىن ھېسسىياتى بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. 2019-يىلى جاڭ جاۋجۈن مەملىكەت بويىچە ئىلغار بوغالتىر بولۇپ باھالاندى .
جاڭ جاۋجۈن مۇنداق دېدى: «ئېگىز-ئېگىز بىنالار ئاستا-ئاستا قەد كۆتۈردى، توپىلىق يوللار كەڭرى كەتكەن ئاسفالت يوللارغا ئايلاندى، مەن چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا قاتنىشىپ ئىنتايىن پەخىرلەندىم ھەم ئىپتىخارلاندىم. گەرچە بۇ يەردە تۇغۇلمىغان بولساممۇ، لېكىن بۇ يەردە يىلتىز تارتتىم، مەن چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ <ياخشى غوجىدار>ى بولۇشنى خالايمەن».
«学习强国» سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى