تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر نەن مياۋ خەۋىرى، فوتوسى) 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-دۇڭسەن باج ئىدارىسىنىڭ مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى دۇڭنەن يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تۇڭشىن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەھەللە كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ، «كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالايلى» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزدى، تۇڭشن مەھەللە كومىتېتىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما بىر يەرگە خۇشال-خورام ھالدا جەم بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان چاغاننى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
بۇ قېتىمقى ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكىنىڭ شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولۇپ، ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا قاتارلىق نومۇرلاردىن 14ى بار، رېتىملىق ۋە جانلىق لاتىنچە ئۇسسۇل، كوچا ئۇسسۇلى، لەرزان چېلىنغان گۇجېڭ، كىچىك گىتتاردا ئورۇندالغان گۈزەل مېلودىيەلەر نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا ھۇزۇر ئاتا قىلدى. پائالىيەتتە يەنە ئاھالىلەر نەق مەيداندا چۈنليەن يېزىش، قىزىقارلىق ئويۇن قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كادىرلار ۋە قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىرلىكتە پائالىيەتكە قاتنىشىپ، كۈلكە سادالىرى ئىچىدە چاغاننى كۈتۈۋالدى.