تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

فۇكاڭ شەھەرلىك ياڭگۇاڭ مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش-ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى ئۇلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سۈن يۈەنيۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەن چۈەنجيا، جاڭ شيۇفاڭ خەۋىرى، فوتوسى): 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، فۇكاڭ شەھەرلىك لىنلى تور كەسپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، سىرايىل ئىسمايىل خام ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىسى ئالدىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. سىرايىل ئىسمايىلنىڭ پۇتى مېيىپ بولۇپ، مېيىپلەر بىرلەشمىسى نامراتلارنى يۆلەش-ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ خىزمەتنى ئۇنىڭغا تېپىپ بەرگەن، ھەر ئايدا 3000 يۈەن كىرىم قىلىدۇ. يېقىندا، فۇكاڭ شەھىرى مېيىپ، نامرات كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

   ئوخشاشلا پۇتى مېيىپ چېن خەنۋېن تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق فۇكاڭ شەھەرلىك لىن لى تور كەسپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ سىم تارتىش ئىشچىسى بولدى. چېن خەنۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «گەرچە پۇتۇم مېيىپ بولسىمۇ، ئەمما قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىم ياخشى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، بۇنىڭدىن كېيىن مەن چېۋەر قوللۇرۇم بىلەن بېيىمەن.»

  مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، فۇكاڭ شەھىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ياڭگۇاڭ مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسىدىن ئالتىنى ۋە مېيىپلەرنى مەركەزلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسىدىن تۆتنى قۇرۇپ، مېيىپلاردىن 1500 ئادەم قېتىم ھەقسىز تەربىيەلىدى، مېيىپلەرنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش لايىھەسى تۈزۈپ، 300 مېيىپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  فۇكاڭ شەھەرلىك مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئورنىنىڭ باشلىقى لى شياڭ مۇنداق دېدى: «فۇكاڭ شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى كۆپ خىل تەدبىر ۋە چارىلەرنى قوللىنىپ، مېيىپلەرگە پائال ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يەنە مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن تارقاقلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، نىسبەت بويىچە مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەيمىز ۋە ئىلھاملاندۇرىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى