تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ چاغانلىق پۇرىقى ئەڭ قويۇق ساياھەت مەنزىلى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋمى خەۋىرى) چاغان پەقەتلا دەم ئېلىشمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، بەلكى چاغانلىق پۇرىقى تولۇپ تاشقان بايرام. 1-ئاينىڭ 17-كۈنى شيېچېڭ ساياھەت تورى چاغانلىق «چاغان پۇرى كۈچلۈك ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ رەت تەرتىپى»نى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن چاغانلىق مەنزىللەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2020-يىلى چاغان مەزگىلىدە، شيېچېڭ گۇرۇھى شىنجاڭدا چاغان ئۆتكۈزۈش كوللېكتىپ ساياھىتى، ئىختىيارى ساياھەت قىلىش قاتارلىق 600دىن ئارتۇق ساياھەت مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان، دائىرىسى قاناس مەنزىرە رايونى، شۇنداقلا غۇلجا، قەشقەر، ئۈرۈمچى، تۇرپان، قاراماي قاتارلىق جايلارنى قاپلىغان. زاكاس بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %110 ئاشقان. شىنجاڭ چاشقان يىلدىكى چاغانلىق دەم ئېلىشتا قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن جاي، چاغانلىق پۇرىقى ئەڭ قۇيۇق مەنزىلنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

  چاغانلىق دەم ئېلىشتا، شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەر تىيانشان تيەنچى كۆلى قار-مۇزلۇقى، ياۋچى كۆلى مەنزىرىسى قاتارلىق ئاجايىپ قار-مۇز مەنزىرىلىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدىكەن، قۇمقاناسنىڭ خاس تائاملىرىنى تېتىيالايدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، چاغان مەزگىلىدە يېزا-كەنتلەردە چاغانلىق كوللېكتىپ ساياھەت قىلىش شىنجاڭدا مودا بولغان، ساياھەتچىلەر يېزا تۇرمۇشى ۋە ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەرنى ھېس قىلىپلا قالماي، يېزا تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرۈپ، يېزىدا چاغانلىق تاماق يېيىش قاتارلىقلارغا قاتنىشالايدۇ. 2020-يىللىق چاغاننىڭ ئالدىدا، شيېچېڭ APPسى ئارقىلىق شىنجاڭ يېزا-كەنتلىرىدە چاغان ئۆتكۈزۈش ۋە كوللېكتىپ ساياھەت قىلىشنى زاكاس قىلغان ئادەم سانى %260 ئاشقان، «چاغانلىق ساياھەت» كوللېكتىپ ساياھەت قىلىش مەھسۇلاتى تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغان، ئۆرپ-ئادەت پۇرىقى كۈچلۈك، ئۆزگىچە ھېس قىلىش پائالىيىتى بولغان يېزا-كەنتلەرگە بارغانلارنىڭ %53ى ئائىلە بويىچە ساياھەتكە چىققانلار ئىكەن.

  قەيەردىكى ساياھەتچىلەر چاغانلىق دەم ئېلىشتا شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشنى خالىغان؟ شيېچېننىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، گۇاڭجوۋ، خاڭجوۋ، شاڭخەي، بېيجىڭ، جىنەن، شيامېن، خېفېي، تيەنجىن، چېڭدۇ، نىڭبو قاتارلىقلار جايلاردىكى ساياھەتچىلەر چاغانلىق دەم ئېلىشتا شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشنى خالايدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بىزگە تونۇش ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى...
  • توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش
  • خوتەندىكى كەچلىك بازارلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى