تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بۇرچىندا تۇمان سۆڭگۈسى بايرىمى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جۇ دەندەن خەۋىرى، فوتوسى) 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ھەر قايسى جايدىن كەلگەن مىڭغا يېقىن ماھىر جۇڭگو . شىنجاڭ بۇرچىن تۇمان سۆڭگىسى بايرىمىنىڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، ماھىرلار يول بويى يۈگۈرگەچ مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلاندى، يول بويىدىكى گۈزەل مەنزىرە كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.

  يۈگۈرۈش بۇيرۇقى بېرىلىشى بىلەن تەڭ پائالىيەت رەسمىي باشلاندى، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئېرتىش دەرياسى بويىدىن يولغا چىقىپ، دەريا قىرغىنى بويلاپ يۈگۈرۈپ، ئاخىرىدا باشلىنىش نۇقتىسىغا قايتىپ كەلدى، ئومومىي مۇساپە تەخمىنەن 8 كىلومېتىر كېلىدۇ.

  قىشنىڭ ئەتىگەنكى ئاچچىق سوغۇقى كۆپچىلىكنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمىدى. مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى مەنزىرە كۆزگە چىلىقىپ تۇراتتى. ماھىرلار ئۆزىنى سۈرەتلەر دۇنياسىدا يۈگۈرۈۋاتقاندەك سەزدى. بۇ ماھىرلارنىڭ ئىچىدە كەسپىي مارافونچە يۈگۈرۈش ماھىرلىرى، ئىشتىن سىرتقى يۈگۈرۈش ھەۋەسكارلىرى بار ئىدى.

  گۇاڭجوۋدىن كەلگەن ماھىر ليۇ يۈ مۇنداق دېدى: «بۇنى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى دېگەندىن كۆرە، <ئادەم مەنزىرە ئىچىدە تۇرغان ھالەت>نى ھېس قىلىش دېگەن تۈزۈك ئىكەن. مۇسابىقە يولىدىكى تۇمان سۆڭگىسى ماڭا ئېلىپ كەلگەن ھوزۇر مۇسابىقە ماڭا بېغىشلىغان قانائەت تۇيغۇسىنى بېسىپ چۈشتى».

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسى پۈتۈن كۈچ بىلەن پۈتۈن رايون ساياھىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت بايلىقىنى تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پىيادە مېڭىش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق ھەر خىل يول لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، بۇرچىنغا كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ھەرىكەت ئىچىدە شەھەرنىڭ مەنزىرىسى ۋە خاسلىقىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى