تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پراكتىكانت خې يۈتىڭ) بۈگۈن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئۇدا قارلىق ياكى تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃6-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃11- بولىدۇ، مەركىزىي شەھەر رايونىدا شامال كۈچى 3 بال بولىدۇ، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا 4 بالدىن 5 بالغىچە شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدۇ.
بۈگۈن تۇمانلىق ياكى قارلىق ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G30 ،G312 لىنىيەسىنىڭ جىڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكى، G3016 لىنىيەسى، G217 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن كۈيتۈنگىچە بۆلىكى، G3014 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G3015 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G216 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن فۇكاڭغىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.