تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ نېيبىدۇغا يېتىپ باردى

بېيجىڭدىن ئايرىلىپ بىرمىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى

شى جىنپىڭ نېيبىدۇغا يېتىپ باردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نېيبىدۇ، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چې خۇڭلياڭ، لو جۈن) شۇ جاي ۋاقتى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن نېيبىدۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بېرىپ، بىرما فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان بىرما ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەندە، بىرمىنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ قوغدىدى.

شى جىنپىڭ يېتىپ بارغاندا، بىرمىنىڭ 1 - مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مىنرۈي كۆپلىگەن ئىچكى كابىنېت مىنىستىرىنى باشلاپ ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. بىرمىلىق ئۆسمۈرلەر، بالىلار شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى.

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمىنى كىيگەن بىرما ياشلىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ قارشى ئالدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ ئېھتىرام بىلدۈردى. شۇ جايدىكى سەنئەتكارلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قويۇق مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى ناخشا - ئۇسسۇللارنى ئورۇنلىدى. بىرما ياش - ئۆسمۈرلىرى جۇڭگو - بىرما ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، بىرما تىلىدا «جۇڭگو - بىرما دوستلۇقى ياشىسۇن» «شى جۇشىنىڭ تېنى سالامەت بولسۇن» دەپ تەنتەنە قىلىپ، شى جىنپىڭنى ئەڭ سەمىمىي قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئۇلارغا قول ئىشارىتى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى ئايروپورتتىن شەھەر رايونىغا قاراپ ماڭدى. ئايروپورت دەرۋازىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىرمىدا زىيارەتتە بولۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» «بىرما فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جانابلىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قىزىل لوزۇنكا ئېسىلغانىدى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە جۇڭگو - بىرما ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى، شى جىنپىڭنىڭ چوڭ ئەنلىك سۈرىتى ۋە «جۇڭگو - بىرمىنىڭ قېرىنداشلارچە دوستلۇقى مەڭگۈ ياشنىسۇن» «جۇڭگو - بىرمىنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز راۋاجلانغۇسى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان چوڭ پىلاكات كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. شۇ جايدىكى ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، ياش ئوقۇغۇچىلار ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، بىرما خەلقىگە خاس سەمىمىيلىك بىلەن ئەڭ ئەزىز مېھماننى قىزغىن قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن بىرما ھۆكۈمىتى ۋە بىرما خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەك تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرما تاغ - دەريالىرى تۇتاش دوست قوشنىلار، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى چوڭقۇر. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - بىرما ئىككى دۆلەت ئورتاق تەشەببۇس قىلغان تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. مەن بىرما رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قېرىنداشلىق مېھرىگە ئورتاق ۋارىسلىق قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - بىرما مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى، يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ خادىملار شۇ ئايروپىلاندا بىللە يېتىپ باردى.

جۇڭگونىڭ بىرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېن خەيمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، بىرما فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ۋېن مىننىڭ تەكلىپى بويىچە، بىرمىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىقلار بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.