تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو بىلەن بىرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ھەم جۇڭگو - بىرما مەدەنىيەت - ساياھەت يىلىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىلىنغان سۆز

(2020- يىلى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى، نېيبىدۇ)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى   شى جىنپىڭ

ھۆرمەتلىك زۇڭتۇڭ ۋېن مىن،

ھۆرمەتلىك دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجى،

خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار:

مىنگېلابا!

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن دۆلىتىڭلار يېقىندىلا مۇستەقىللىق بايرىمىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ چاغىنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مەن بۇ قۇتلۇق، خۇشال پەيتتە دۆلىتىڭلاردا زىيارەتتە بولدۇم، بولۇپمۇ بۈگۈن كەچتە كۆپچىلىك بىلەن خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم. ئالدى بىلەن، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، بىرما جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھە ۋە بىرما خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللايمەن ۋە بايراملىق بەخت تىلەيمەن.

بايا، زۇڭتۇڭ ۋېن مىن ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۆز قىلدى. ئەمدى، بىز جۇڭگو بىلەن بىرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ھەم جۇڭگو - بىرما مەدەنىيەت - ساياھەت يىلىنى بىرلىكتە باشلايمىز. بۇ، جۇڭگو - بىرما دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ شانلىق مۇساپىسىنىڭ مۇھىم تارىخىي بەلگىسى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ كاتتا ئىشى، مەن كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە بۇ تارىخىي پەيتكە گۇۋاھ بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى مىڭ يىلدىن ھالقىپ، ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى. مەيلى چىن، خەن مەزگىلىدە جەنۇب تەرەپتىكى يىپەك يولىدا بار - يوقىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، پيۇ دۆلىتىنىڭ شاھزادىسى گۈللەنگەن تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچىلىككە بېرىپ ناخشا - ئۇسسۇل سەنئىتىنى ئالماشتۇرۇش بولسۇن، يەنە ئالدىنقى ئەسىردە ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ مۇستەملىككە، جاھانگىرلىككە قارشىلىق كۆرسىتىشتە بولسۇن، ھەممىسىدە ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭۈل رىشتىسى تۇتاش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتەك چوڭقۇر ئاساسى ۋە قىممەتلىك ئەنئەنىسى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

جۇڭگو - بىرما مەدەنىيىتىدە «رىشتە» سۆزىگە ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن، خەلقلىرى ئۆزئارا ئىناق، مەدەنىيىتى ئۆزئارا باغلىنىشلىق، قېرىنداشلىق مېھرى مىڭ يىلدىن بۇيان باشتىن - ئاخىر بىرخىل بولۇپ كەلدى، بۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە مەنبەسى. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، جۇڭگو - بىرما دوستلۇق ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قاتناشقۇچى، نەپ ئالغۇچى، قوللىغۇچىنى يېتىشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

مەدەنىيەت ۋە ئاممىنىڭ ئۆرپ - ئادىتى بىر دۆلەتنىڭ ئىسىم كارتىسى. مەن 11 يىل ئىلگىرى دۆلىتىڭلاردا زىيارەتتە بولغان، دۇنياغا داڭلىق رانگون ئالتۇن مۇنارى، ئاق كۆڭۈل، دوستانە يەرلىك خەلق ئاممىسى، كاتتا، رەڭگارەڭ مەدەنىيەت ئۆرپ - ئادەتلىرى مەندە چوڭقۇر ھەم گۈزەل تەسىرات قالدۇرغان. يەنە بىر قېتىم نېيبىدۇغا زىيارەتكە كەلگىنىمدە، بۇ يەر بۇرۇنقىدەكلا تىنچ، خاتىرجەم بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولۇپ تۇرۇپتۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو - بىرما مەدەنىيەت - ساياھەت يىلىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو خەلق ئاممىسى بىرمىغا كېلىپ، بۇ يەرنىڭ مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە گۈزەل يۆگىمە رەسىمىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!

تارىخنىڭ چاقى توختىماي ئىلگىرىلىمەكتە. يېڭى دەۋردە جۇڭگو - بىرما مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. مەن زۇڭتۇڭ ۋېن مىن بىلەن بۇ قېتىمقى زىيارەتنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو - بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدۇق. بۇ مۇھىم سىياسىي ئورتاق تونۇش جۇڭگو - بىرما ئىككى دۆلەتنىڭ چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇشتەك ئالاھىدە مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بەردى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك قېرىنداشلىق مېھرىنى جانلىق گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ يېپيېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك سۈرەتلەپ بەردى.

2020 - يىلى جۇڭگو - بىرما ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدۇ. بىرمىدا پات ئارىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلگە كىرىدۇ. جۇڭگو - بىرما مۇناسىۋىتى يېڭى دەۋرگە كىردى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو - بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى مىزان قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى مۇھىم بىلىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنى مەڭگۈ ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداش، ياخشى ھەمراھلاردىن قىلىشى كېرەك.

بايا مەن جۇڭگو بىلەن بىرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم، بۇنىڭ ئىچىدە جوۋ ئېنلەي زۇڭلى 1954 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە بىرمىدا زىيارەتتە بولغاندىكى بىر پارچە سۈرەت بار بولۇپ، ئۇ چاغدا، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان، بىرما ئايرىم - ئايرىم ھالدا قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلغان. بۇ خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدىكى مۇھىم، زور ئىجادىيەت.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت كۈنسېرى بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، ئۆزئارا سىڭىشكەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىۋاتىدۇ، ئەمما خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ئادىل بولماسلىق، باراۋەر بولماسلىق قاتارلىق ھادىسىلەر يەنىلا ناھايىتى گەۋدىلىك، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. يېڭى ۋەزىيەتتە، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنىڭ ۋاقتى ئۆتمىدى، ئەكسىچە ئۇزاق تارىخىي جەرياندا تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرما تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!

20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا، جۇڭگونىڭ يۈەنشۇەيى چېن يى: «قېرىنداشلىق مېھرى چوڭقۇر، دەريانىڭ مەنبەسى ئۇزۇن» دەپ شېئىر يازغانىدى. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - بىرمىنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىق تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئېقىنى چوقۇم مەنبەداش بولغان جۇڭگو لەنساڭجياڭ دەرياسى بىلەن بىرما يىلوۋادى دەرياسىغا ئوخشاش ئېگىز تاغ ۋە تىك چوققىلاردىن ھالقىپ، شىددەتلىك ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللاردىن ئۆتۈپ، باشتىن - ئاخىر ئۆركەشلەپ ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ.

ئاخىرىدا، مەن چىن كۆڭلۈمدىن جۇڭگو - بىرما دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ياشناپ تۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

ئىزاھات:

مىنگېلابا بىرما تىلىدا «ياخشىمۇسىز» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نېيبىدۇ، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.