تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بىلەن بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2020 «جۇڭگو - بىرۇنېي ساياھەت يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال ئايرىم - ئايرىم تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، 2020 «جۇڭگو - بىرۇنېي ساياھەت يىلى»نىڭ بىرۇنېينىڭ سېرى بېگاۋان شەھىرىدە باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرۇنېي دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان دوست قوشنىلار، شۇنداقلا ئۆزئارا ئىشىنىدىغان دوست ۋە ھەمراھلار. ئۆتكەن ئىككى يىلدا مەن سۇلتان خاسانئال بىلەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزئارا زىيارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو - بىرۇنېي ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان، ئادىمىيەت ئالاقىسى راۋانلاشقان، كۆپ تەرەپلىك ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشنى بىردەك قارار قىلغانىدۇق. ئىككى تەرەپنىڭ ساياھەت يىلى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، خادىملار ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان ياخشى دوستلاردىن، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

خاسانئال تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرۇنېي - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدىن بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ساھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ. جۇڭگو بىرۇنېينىڭ قىممەتلىك ساياھەت بازىرى. مەن ئىككى دۆلەت ساياھەت تارماقلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ، ساياھەت يىلىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

2019 - يىلى 4 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا زىيارەتكە كەلگەن بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال بىلەن بىرلىكتە 2020 - يىلىنى «جۇڭگو - بىرۇنېي ساياھەت يىلى» دەپ جاكارلىغان. جۇڭگو - بىرۇنېي ئىككى تەرەپ پۈتۈن بىر يىلدا كۆرگەزمە، مۇنبەر، تەربىيەلەش، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.