تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەلىم - تەربىيە مەركىزى مېنى يار لېۋىدىن قايتۇرۇپ كەلدى

ئاقسۇ شەھىرىدىكى تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى ئابلىكىم ئەخمەت:

تەلىم - تەربىيە مەركىزى مېنى يار لېۋىدىن قايتۇرۇپ كەلدى

مېنىڭ ئىسمىم ئابلىكىم ئەخمەت، بۇ يىل 32 ياشقا كىردىم، ئاقسۇ شەھىرىدىن. مەن ئىلگىرى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلەنگەن، مەن كۆپچىلىككە ھېكايەمنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن.

مەن ئىلگىرى كەنتتە ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى ئېچىپ، كۆپچىلىكنىڭ توردا نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىشى - سېتىشىغا ياردەملىشىپ، ئازراق مۇلازىمەت ھەققى تاپاتتىم، ئىش كۆپ ۋاقىتلاردا كىرىمىم يامان ئەمەس ئىدى، كۆپچىلىك بىلەن ئوبدان چىقىشاتتىم. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى خېلى كۆڭۈللۈك ئىدى.

2012 - يىلى، مەن تاكسى ھەيدەيدىغان بىرى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ھازىر ناھايىتى پۇشايمان قىلىمەن، ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇچرىمىغان بولسام، مەن بەلكىم خاتا يولدا ماڭمىغان بولاتتىم. لېكىن بۇ دۇنيادا پۇشايماننىڭ دورىسى يوق ئىكەن، مەن بۇ قېتىملىق ساۋاقنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئۆزۈمنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئائىلەمدىكىلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قايتا قايمۇقتۇرۇشىغا، پايدىلىنىشىغا ئالدانمايمەن.

شۇ يىلى، مەن ئاقسۇ شەھىرىگە بېرىپ دوستلىرىم بىلەن ئولتۇرۇش قىلدىم، ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن تاكسى توسۇپ كەنتكە قايتتىم. تاكسىغا چىقىشىم بىلەنلا، شوپۇر مېنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكىمنى بىلىپ، ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ ياخشى ئولتۇرغۇزدى، يەنە ماڭا بۇنىڭدىن كېيىن ھاراقنى ئاز ئىچىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى. ئەينى چاغدا مەن كۆپ ئويلىماپتىمەن، پەقەت ئۇ شوپۇرنى قىزغىن كىشى ئىكەن، دەپ ھېس قىلىپ، تېلېفون نومۇرلىرىمىزنى ئۆزئارا قالدۇرۇشتۇق. كېيىن مەن كەنتتىن شەھەرگە كىرسەملا، دائىم ئۇنىڭ تاكسىسىغا ئولتۇرىدىغان بولدۇم.

بېرىش - كېلىش قىلىپ يۈرۈپ، ئىككىمىز ئاستا - ئاستا يېقىن بولۇپ قالدۇق. بىر كۈنى بىز بىللە تاماق يېدۇق، تاماقتىن كېيىن ئۇ يان تېلېفونىنى چىقىرىپ ماڭا سىن كۆرسەتتى، سىندىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان مەزمۇنلار ئىكەن. مەن كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى قورقتۇم، ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولدۇم. لېكىن ئۇ مېنى تارتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر مىللىتى، تۇغۇلۇشىمىزدىنلا مۇسۇلمان. سەن تاماكا چەكسەڭ، ھاراق ئىچسەڭ خىجىل بولمامسەن؟ سەن ئەگەر جەننەتكە كىرىشنى ئويلىساڭ، چوقۇم بىزگە قوشۇلۇپ، ئازراق ئىش قىلىشىڭ كېرەك».

قانۇن ئېڭىم سۇس بولغانلىقتىن، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەن ئاستا - ئاستا ئۇنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، ئىدىيەمدە تەدرىجىي ئۆزگىرىش بولدى. مەن توردىن بىر قىسىم ئەسەبىزمگە دائىر سىنلارنى ئىزدەپ كۆرۈشكە باشلىدىم ھەم ئەتراپىمدىكى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىمگە يوللىدىم، يەنە خوتۇنۇم بىلەن بالىلىرىمنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتكە دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدىم. كىشىلەر ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىمغا كېلىپ، توردىن نەرسە سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشىمنى تەلەپ قىلغاندا، مەن ئۇلارغا «كاپىرلار» بىلەن باردى - كەلدى قىلماسلىقنى ئېيتتىم، يەنە كەنت كادىرلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماسلىقنى، كەنتتىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقنى، ئۇلار بىلەن باردى - كەلدى قىلسا دوزاخقا كىرىپ ئوتتا كۆيىدىغانلىقىنى ئېيتتىم.

كېيىن كەنت كادىرلىرى مەندىكى نورمالسىزلىقنى بايقاپ، مەن بىلەن سۆزلىشىپ، سىردىشىپ، مېنى تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، مەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە قانۇن بىلىملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئەسەبىزمنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم، ئاتالمىش «ئادەم ئۆلتۈرۈپ شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەننىڭ ھەممىسىنىڭ سەپسەتە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. بۇ ۋاقىتتا مەن ئاندىن ئىدىيەمنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىنى، يەنە خوتۇن - بالىلىرىم ۋە قوشنىلىرىمنى خاتا يولغا ئىتتىرگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن بەك ئەخمەق ئىكەنمەن!

تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش مۇھىتى ياخشى بولۇپلا قالماي، يەنە كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان بىر توپ ياخشى ئوقۇتقۇچىلار بار. مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى جاڭ تاۋ مۇئەللىم، ئۇنىڭ بويى ئېگىز بولۇپ، كۆزەينەك تاقايتتى، ناھايىتى ئاددىي - ساددا ئىدى، بىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتى. بىز قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىساق، ئۇ تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ياردەملىشىپ ھەل قىلىپ بېرەتتى.

بىر كۈنى، جاڭ تاۋ مۇئەللىم تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ياتىقىغا كەلگەندە، بىر ياتاقدىشىم ئۇنىڭغا: ئائىلىمىز 23 مو يەرگە كېۋەز تېرىغان، ئانام ياشىنىپ قالدى، ئاچام ئاغرىق، پاختىنى دەرھال تەرمىسە بولمايدۇ، لېكىن ئائىلىمىزدە مەندىن باشقا قاۋۇل ئەمگەك كۈچى يوق، قەتئىي يېتىشەلمەي قالدۇق، دېدى. جاڭ تاۋ مۇئەللىم ئۇنىڭ قىيىنچىلىق تەلىپىنى ئەستايىدىللىق بىلەن دەپتەرگە خاتىرىلىۋالدى ھەم ئۇنىڭغا: «بۇ ئىشقا چوقۇم ئامال قىلىمەن، سەن خاتىرجەم ئۆگەنگىن، ئەنسىرىمە» دېدى.

ياتاقدىشىم ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيىگە قايتقاندا، ئېتىزدىكى پاختىلارنىڭ تېرىلىپ بولۇنغانلىقىنى بايقاپتۇ. ئەسلىدە، جاڭ تاۋ مۇئەللىم ياتاقدىشىمنىڭ قىيىنچىلىقىنى كەنت كومىتېتىغا ئىنكاس قىلغان ئىكەن، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال كەنت كادىرلىرى بىلەن بىر قىسىم پىدائىيلارنى تەشكىللەپ، ناھايىتى تېزلا پاختىنى تېرىپ بوپتۇ.

تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەن كەنت كومىتېتىنىڭ يېنىدا بىر تاللا دۇكىنى ئاچتىم، ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىنىمۇ بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كەلدىم، تاللا دۇكىنىدىكى ماللارنىڭ سۈپىتى ياخشى، باھاسىمۇ مۇۋاپىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەمىمىي سودا قىلغانلىقىم ئۈچۈن، كەنت ئاھالىلىرى كېلىپ نەرسە سېتىۋېلىشقا ناھايىتى ئامراق، سوداممۇ ناھايىتى ياخشى. مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە مېۋىلىك باغ پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندىم، مېۋىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاچماقچى بولۇۋاتىمەن. كەنت كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە، مەن بانكىدىن 200 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ئېلىشنى ئىلتىماس قىلدىم. ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەن كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرنى باشلاپ بىللە ئىشلەپ، بىللە پۇل تېپىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمەن.

مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېنى يار لېۋىدىن قايتۇرۇپ كەلگەنلىكى، ماڭا يېپيېڭى تۇرمۇش ئاتا قىلغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، مەن پۇختا ئىشلەپ، دۇرۇس ئادەم بولۇپ، ئەمگەكچان بىر جۈپ قولۇم بىلەن تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىمەن.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۈنشيا رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى