تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا چاغاننى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆرپ - ئادەت كۆرگەزمىسى باشلاندى

1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، «شىنجاڭ ياخشى جاي − 7 - نۆۋەتلىك تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا چاغاننى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆرپ - ئادەت كۆرگەزمىسى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. سۈرەتتە: شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدىكى بەلدۇمباق ئويۇنى.

(شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ چاڭفۇ فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جيا چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: ياڭگىر ئويناش، ئەجدىھا ئويۇنى ئويناش، شىر ئۇسسۇلى ئويناش... 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ياڭگىر ۋە شادىيانە بەلدۇمباق ئويۇنىغا ئەگىشىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي − 7 - نۆۋەتلىك تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا چاغاننى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆرپ - ئادەت كۆرگەزمىسى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا باشلاندى. شۇ كۈندىن باشلاپ 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر 316 تۈرلۈك، 3095 مەيدان قېتىم يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، پائالىيەتكە بىۋاسىتە قاتنىشىدىغانلار 2 مىليون ئادەم قېتىمدىن كۆپرەككە يېتىدىكەن.

شۇ كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى چاغاننى كۈتۈۋېلىش بازىرىدا، خەتتاتلار نەق مەيداندا قالتىس ماھارەت كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت خېتى يېزىپ، چۇنليەن سوۋغا قىلدى؛ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرى گۈل قىيىش، كەمپۈت ئادەم ياساش، خېمىر ئادەم ياساش ئويۇنلىرىنى كۆرسەتتى... ھەر خىل شەكىلدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى خۇشال - خۇرام، ئىناق، قىزغىن بولغان قويۇق بايرام كەيپىياتى شەكىللەندۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن چاغان ئۆتكۈزۈپ، مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل ئىكەن. ئەلنەغمە كۆرىكى، تېپىشماق تېپىش، كوچا ئويۇنى ئويناش، چاغانلىق ئۆرپ - ئادەت سۈرەت كۆرگەزمىسى، چاغانلىق رەسىم كۆرگەزمىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت كۆرگەزمىسى، ئۆسمۈر - بالىلار خېمىر ھەيكەل مۇسابىقىسى، قەغەز قىيما نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى، پانۇس كۆرگەزمىسى ۋە قار - مۇز ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەردە چاغان پۇرىقى نامايان قىلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا مول «مەدەنىيەت چاغانلىقى» سوۋغا قىلىنىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇامىن مۇنداق دېدى: «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى چاغانلىق ئۆرپ - ئادەت كۆرگەزمىسى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ نۇقتىلىق قوللاش تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، چاغان مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم بايراملىق پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى