تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

دۈشمەن بىلەن تەنھا ئېلىشقان قەھرىمان لۇ جېنلۇڭ

لۇ جېنلۇڭنىڭ سۈرىتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چۇڭچىڭ، 12- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جوۋ ۋېنتاۋ) چۇڭچىڭ شەھىرى جيۇلۇڭپو رايونى سەييۈن كۆلى سۇلۇق يەر باغچىسىدا، لۇ جېنلۇڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. 1999 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىسى لۇ جېنلۇڭ جىنايەت گۇماندارى ۋېي Xنى چاقىرتقىلى بارغاندا، قانۇنغا زورلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشكە دۇچ كېلىپ باتۇرلارچە ئېلىشقان، بۇ جەرياندا بەدىنىنىڭ 21 يېرىگە پىچاق تىقىلىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. شۇ يىلى 6 - ئايدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى لۇ جېنلۇڭغا مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ تولۇقلاپ نام بەرگەن.

1973 - يىلى، لۇ جېنلۇڭ شەندۇڭ لياۋچېڭدا تۇغۇلغان، 1998 - يىلى 7 - ئايدا غەربىي جەنۇب سىياسىي - قانۇن داشۆسىنى پۈتكۈزۈپ، چۇڭچىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى(كېيىن جيۇلۇڭپو رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسىگە قوشۇۋېتىلگەن)نىڭ شىچياۋپۇ ساقچىخانىسىغا كىرىپ نوپۇسقا مەسئۇل خەلق ساقچىسى بولغان. قۇربان بولۇشتىن ئىلگىرى، لۇ جېنلۇڭ ھەم ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسپىنى قەدىرلەيتتى ھەم كەسىپنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلاتتى، نوپۇس ساقچىسى بولغاندىن كېيىن، ئۇ تەۋەلىك رايونىنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «ۋاقىتلىق نوپۇسلارنى باشقۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە تەھلىل» ناملىق ئىلمىي ماقالىنى يېزىپ چىققان. ساقچىخانىدا، ئۇ ئەزەلدىن شەخسىي پايدا - زىيان بىلەن ھېسابلاشمايتتى، باشقىلارغا قىزغىن ئىدى، ئامما ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەنىدى.

1999 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، لۇ جېنلۇڭ ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسىدىكى لەنخۇا كەنتىگە ئالدىنقى كۈنى كەچتە توپلىشىپ قىمار ئوينىغان، قولىغا قورال ئېلىپ ئۇرۇشقان جىنايەت گۇماندارى ۋېي Xنى سوراق قىلىشقا چاقىرتقىلى بارغان. چۈشتىن كېيىن سائەت 6دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇ ۋېي X ئۆيگە قايتقاندا چوقۇم ئۆتىدىغان يول ئېغىزىغا كېلىپ ساقلاپ تۇرغان. ئون مىنۇتتىن كېيىن، ۋېي X بىر قارا موتوسىكلىتنى مىنىپ يول ئېغىزىدا پەيدا بولغان، ئۇ خەلق ساقچىسىنى كۆرۈپ ئالدىراپ - تېنەپ موتوسىكلىتنى تاشلاپ قاچقان، لۇ جېنلۇڭ دەرھال باتۇرلارچە قوغلىغان. ۋېي X ئەتراپتىكى بىر خىلۋەت كوچىغا كىرىپ كەتكەن، لۇ جېنلۇڭ تار كوچىغا 200 مېتىر قوغلاپ كىرگەن، ئۇ ۋېي Xنى تۇتۇۋالاي دېگەندە، ئويلىمىغان يەردىن كەينى تەرەپتىن تۇيۇقسىز خەنجەر كۆتۈرۈۋالغان ئالتە ياش چىقىپ كەلگەن، ئۇلار دەل ۋېي X جىنايەت شايكىسىنىڭ باشقا بىرقانچە غوللۇق ئەزاسى ئىدى.

جېنىدىن تويغان يەتتە قارا نىيەت ئالدىدا، لۇ جېنلۇڭ قىلچە قورقۇپ قالماي: «مەن ساقچىخانىنىڭ نوپۇسقا مەسئۇل خەلق ساقچىسى، مەن ۋېي Xنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىشقا چاقىرتقىلى كەلگەن، قالايمىقان ئىش قىلماڭلار!» دېگەن. بۇ قارا نىيەتلەر يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ: «ئۆزۈڭ يالغۇز تۇرۇپ، يەنە تېخى بىز بىلەن قارشىلىشىشقا پېتىنىۋاتامسەن، بۈگۈن ساڭا ئۆزىمىزنى بىر كۆرسىتىپ قويايلى!» دەپ ۋارقىرىغان. ئۇلار گېپىنى تۈگىتىپلا خەنجىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ لۇ جېنلۇڭنى چاپقان، لۇ جېنلۇڭ گەرچە ئالدىدىكى بىر قارا نىيەتنى تۇتۇۋالغان بولسىمۇ، ئەمما يان تەرەپتىكى قارا نىيەت خەنجىرىنى بىرلا شىلتىپ ئۇنىڭ پېشانىسىگە چاپقان، ئىسسىق قان ئېتىلىپ چىققان.

بۇ چاغدا لۇ جېنلۇڭ ئىسسىق قان توسۇۋالغان كۆزىنى كۈچەپ ئېچىپ، سول قولى بىلەن قارا نىيەتنىڭ خەنجىرىنىڭ ئۆتكۈر بىسىنى تۇتۇۋېلىپ، قارا نىيەت بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشقان. بۇ چاغدا، يەنە بىر قارا نىيەت خەنجىرىنى لۇ جېنلۇڭغا تىققان...

قارا نىيەتلەر قاتىللىق قىلغاندىن كېيىن ئالاقزادە بولۇپ قېچىپ كەتكەن. يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ يېتىپ كېلىپ، بەدىنىنىڭ 21 يېرىگە پىچاق تىقىلغان لۇ جېنلۇڭنى دوختۇرخانىغا جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئاپارغان. 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سەھەر سائەت 4تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، لۇ جېنلۇڭنىڭ نەپىسى مەڭگۈلۈك توختىغان، شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 25 ياشتا ئىدى.

لۇ جېنلۇڭغا كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلگەن، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم ئۇنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي ئەزاسى دەپ ئېتىراپ قىلغان. 2007 - يىلى 12 - ئايدا، لۇ جېنلۇڭنىڭ قان بىلەن بويالغان كىيىمى ۋە ساقچىلىق كىنىشكىسى دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى دەپ بېكىتىلگەن.

لۇ جېنلۇڭ قۇربان بولغاندىن كېيىن، چۇڭچىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت سەييۈن كۆلى سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئۇنىڭغا ئاتاپ خاتىرە قەبرىستانلىقى ياسىدى ھەم ئۇنىڭ مىس ھەيكىلىنى تىكلەپ قايغۇلۇق ياد ئېتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى