تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

«ئىككىنى قوغداش» ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

خىزمەت جايلاردا، ئاچقۇچى مەركەزدە. بىزنىڭكىدەك بۇنداق چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

«<ئىككىنى قوغداش> ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك»، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، «ئىككىنى قوغداش»نىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، «ئىككىنى قوغداش» سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىردەك ئىرادە ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قوغداپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي چاقىرىق ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە بولۇشتىكى تۈپ تەلىپى. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ تۈپ خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدىكى باش ۋەزىپە پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتۇر. پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئومۇمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە ياخشى چىڭ تۇرغاندا، پارتىيە ئىشلىرى گۈللەنگەن، راۋاجلانغان؛ ئەكسىچە بولغاندا، پارتىيە ئىشلىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بۇيرۇق، تەلىپىنى جەزمەن ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى.

«ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەمىزنىڭ مۇھىم، زور سىياسىي نەتىجىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىسى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «تۆت ئاڭ»، «ئىككىنى قوغداش»نى ئېنىق تەكىتلەپ، بىر قاتار ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. بىز پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى باش ئورۇنغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىشىغا، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق؛ بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەيەرگە بارسا، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشمۇ شۇ يەرگىچە يېتىشىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، زور سىياسەت، فاڭجېنلارنى ئىجرا قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتىلغان سىياسىي نازارەتچىلىكنى دائىملاشتۇردۇق؛ بىز پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، توغرا بولغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى سىجىل ساپلاشتۇردۇق. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىز، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش قىلالىشىمىزدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى شەكىللەندۈرۈپ ۋە تىكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغانلىقىمىزدا.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. نىشانغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپلەشكەنسېرى، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پەقەت پۈتۈن پارتىيەدە يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقنى قوزغىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا، پارتىيەمىز ئاندىن يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە بىلەن ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتالايدۇ. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش كونكرېت بولىدۇ، «ئىككىنى قوغداش»نى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ھەرىكىتىدە نامايان قىلىش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئەمەلىي ئۈنۈمىدە نامايان قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كۈندىلىك سۆز - ھەرىكىتىدە نامايان قىلىش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايدىغان تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك.

«ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەم ئەقلىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش، ھەم قوغداش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارى بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى يېتىلدۈرۈپ، سىياسىي خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىققاندا، چوقۇم پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى