تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

يۈ جىگاڭ: پويىز كەلدى، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاممىنى رېلىس سىرتىغا ئىتتەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لياڭ جيەنچياڭ) ھەر يىلى چىڭمىڭدا، ۋۇخەن تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى ۋۇخەن شەھىرى جيۇفېڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، بۇ يەردە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن ئىنقىلابىي قۇربان يۈ جىگاڭنى ياد ئېتىدۇ.

يۈ جىگاڭ 1958 - يىلى تۇغۇلغان، 1975 - يىلى 10 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1982 - يىلى 3 - ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان. يۈ جىگاڭ ۋۇخەن تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىنىڭ پويىز ساقچىلىرى ئەترىتى، خەنشى ۋوگزالى ساقچىخانىسىدا خەلق ساقچىسى، ساقچى باشلىقى، 3 - دەرىجىلىك يېتەكچى ساقچى بولغان.

1999 - يىلى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچ سائەت 9دىن ئاشقاندا، خەنشى ۋوگزالىنىڭ نەننىۋەن يول ئېغىزىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا، يۈ جىگاڭ تۇيۇقسىز بىر ئاممىنىڭ ۋېلىسىپىتنى يېتىلەپ ئاگاھلاندۇرۇش رېشاتكىسىدىن ئۆتۈپ تۆمۈريولدىن ھالقىپ ئۆتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان، بۇ چاغدا، چاڭشادىن بېيجىڭغا بارىدىغان K2 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ئۇچقاندەك كېلىۋاتاتتى.

قىل ئۈستىدە تۇرغان مۇشۇ خەتەرلىك پەيتتە، ئۇ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇ ئاممىنى كۈچەپ ئىتتىرىپ رېلىستىن چىقىرىۋەتكەن، ئۆزى ئۇچقاندەك يېتىپ كەلگەن پويىزغا سوقۇلۇپ ئون نەچچە مېتىر يىراقلىققا ئۇچۇپ چۈشكەن، يارىسى بەك ئېغىر بولغانلىقتىن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

1982 - يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان، يۈ جىگاڭ ئۆز خىزمىتىنى قىزغىن سۆيۈپ، كەسىپنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پاك - دۇرۇس بولۇپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئۆزى تۇرغان جاينىڭ ئامانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان.

1992 - يىلى، يۈ جىگاڭ ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ ئوت ئۆچۈرۈشتە كۆيۈپ ئېغىر يارىلانغان. ئۇ يەنە كۆپ قېتىم ئەينى چاغدا خەنشى ۋوگزالى ساقچىخانىسى قاراشلىق جېڭجوۋ تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن «ئىلغار خىزمەتچى» ۋە «ئالتىدە ياخشى خەلق ساقچىسى» بولۇپ باھالانغان، بىر قېتىم شەخسىي 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىنغان ھەم تۆمۈريول ئىدارىسى بەرگەن ئەمگەك نەمۇنىچىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.

1999 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، يۈ جىگاڭغا «مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دېگەن نام تولۇقلاپ بېرىلگەن.

قەھرىمان ۋاپات بولدى، لېكىن قەھرىماننىڭ روھى مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋۇخەن تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى كۆپ قېتىم يۈ جىگاڭنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئەسلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تۆمۈريول خەلق ساقچىلىرىنى ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تۆمۈريول تىرانسپورتىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە راۋانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى