تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جاڭ جىمىن: ھاياتى ئاپتوموبىل چاقى ئاستىدا ئاياغلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فۇجوۋ، 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر خۇ گۇاڭخې، يەن خۇڭشىن) 1999 - يىلى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شيامېندىن چۈەنجۇۋغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا، بىر قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىر خىل سۈرئەتتە كېتىۋاتاتتى. بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ مەنزىلى جياڭشىنىڭ پىڭشياڭ بولۇپ، ئاپتوموبىلدىكى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىر كىشىنىڭ يۇرتى ئىدى.

«پاڭ» قىلغان قاتتىق ئاۋاز بىلەن تەڭ، ئاپتوموبىلنىڭ سول ئارقا چاقى تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كەتتى، شوپۇر ئاپتوموبىلنى توختىتىپ جىددىي چاق ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىللار غۇيۇلداپ ئۆتۈشۈپ تۇرغان بولۇپ، ھادىسە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار ئىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئاپتوموبىلدىكى ساقچى فورمىسى كىيگەن بىر ئادەم دەرھال ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، ئاپتوموبىلنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ نەچچە مېتىر يىراقلىققا بېرىپ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپتوموبىل رېمونت قىلغۇچى ۋە ئاپتوموبىلدىكى ئاغرىقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ خەلق ساقچىسى فۇجيەن ئۆلكىسى جاڭجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋەپسىزلىكى ئىدارىسى چارلاش ساقچى تارماق ئەترىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق چوڭ ئەترەتنىڭ مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ جىمىن ئىدى. ئۇ شۇ كۈنى ئەترەتنىڭ بىر ئاغرىقنى يۇرتىغا مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەنىدى.

ئۇنىڭ ئىشارىتى بىلەن، ئاپتوموبىللار ئارقا - ئارقىدىن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئايلىنىپ ماڭدى، جىددىي رېمونت قىلىش خىزمىتىمۇ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى. تۇيۇقسىز، بىر سەنلىڭ ماركىلىق جىپ ئۇچقاندەك كەلدى، سۈرئەتنى قىلچىمۇ ئاستىلاتماي، ئۇدۇللا كېلىپ بۇ خەلق ساقچىسىنى سوقۇپ نەچچە مېتىر يىراقلىققا ئۇچۈرۈۋەتتى، ئۇ نەق مەيداندا قۇربان بولدى.

جاڭ جىمىن 1969 - يىلى فۇجيەن جاڭجوۋدىكى بىر ئاددىي ئائىلىدە تۇغۇلغان، ھادىسىگە ئۇچرىغاندا ئەمدىلا 30 ياشتا ئىدى. 1990 - يىلى 8 - ئايدا، ئۇ جاڭجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان، 1995 - يىلى 7 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

ساقچى بولغان توققۇز يىلدا، جاڭ جىمىن خىزمەتتە ئىنتايىن قىزغىن بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھال - ئەھۋالى، ئامانلىقىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈككەن. بىرەرسى ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇ دائىم بىرىنچى بولۇپ ياردەم قولىنى سۇنغان.

بىر بوۋاي ئېھتىياتسىزلىقتىن يول بويىدىكى سېسىق دەرياغا چۈشۈپ كەتكەندە، ئۇ مەينەتچىلىكتىن، سېسىق پۇراقتىن قورقماي، قىلچە ئىككىلەنمەي دەرياغا چۈشۈپ، بوۋاينى يۈدۈپ ئېلىپ چىققان ھەمدە ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغان؛ سىرتتىن كەلگەن بىر ئىشلەمچى ئۆيىگە قايتقۇدەك پۇلى بولمىغانلىقتىن ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلگەندە، ئۇ مەردلىك بىلەن قارشى تەرەپكە پويىز بېلىتى ئېلىپ بەرگەن، يەنە ئۇنى ئۆزى پويىزغا چىقىرىپ قويغان؛ ئون نەچچە ياشلىق قىزچاق ئايرىلىپ كەتكىنىگە ئۇزاق يىل بولغان دادىسىنى ئىزدەپ تاپماقچى بولۇپ، يىغلاپ ساقچى ئىدارىسىگە كەلگەندە، ئۇ ئەھۋالنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ تەرەپ - تەرەپتىن ئىزدىگەن. ئون نەچچە كۈن كېچە - كۈندۈز قاتراپ ۋە ئۆلكە ھالقىپ 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، ئاخىرى بۇ قىزچاقنىڭ دادىسىنى تېپىپ، ئۇنىڭ دادىسىنى تېپىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

بىر قېتىم يۇڭدىڭلىق بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئاتا - ئانىسىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، ناتونۇش جاڭجوۋغا كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىيىتىگە كېلىپ، جيۇلۇڭجياڭ دەرياسىغا ئۆزىنى ئېتىۋالغان. ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جاڭ جىمىن خىزمەتداشلىرى بىلەن تېزدىن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان. ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى ئالدىدا، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن دەرياغا سەكرەپ چۈشۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ ياشنى قۇتقۇزغان.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار يەنە نۇرغۇن. بىر خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاڭ جىمىن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى باشتىن - ئاخىر كۆڭلىگە پۈككەن ھەمدە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇ سۆزنىڭ ھەقىقىي ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى يېشىپ بەرگەن.

1999 - يىلى 7 - ئايدا، جاڭ جىمىن فۇجيەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىنقىلابىي قۇربان دەپ ئەنگە ئېلىنغان، شۇ يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلگەن.

ئاپتوموبىل چاقى جاڭ جىمىننىڭ ھاياتىنى ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ روھى خەلقنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى